يازمىلىرى

This section allows you to view all posts made by this member. Note that you can only see posts made in areas you currently have access to.

Messages - Sahran

1


 سالام كۆپچىلىك ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇر تىلى ھەر خىل خىرىسلارغا دۇچار بولۇپ ئىستېمال قىلىنىشى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇنى ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلمىسىمۇ بۇ بىر ئاچچىق ھەقىقەت.
 تىلىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ شارائىتى يار بەرگەن دائىرىدە تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ئۇيغۇر تىلىنى كېيىنكى يېڭى بىر ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. بىراق بىز قىلىۋاتقان ئىشلار تولىمۇ يېتەرسىز.
 
ھازىرقىدەك رەقەملىك دۇنيادا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇر تىلىنى تونۇتۇش پەرزەنتىمىزنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقىرىش بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك.

خەۋىرىڭلار بولغىنىدەك يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە سۈننىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدا كۆپ يۈكسىلىشلەر بولدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ مىللەتلەرنىڭ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تىلى ئەقلىي يانفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە كۆپلەپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى دۇنيا دەرىجىلىك چوڭ كارخانىلارنىڭ بۇ تىللاردىكى بازارنى نىشانلاپ ھەر خىل ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرگە بۇ تىللارنى قوشقانلىقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل تىپتىكى چوڭ كارخانىلار ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكىسى ئۈچۈن مۇھىم بولغان غايەت زور ھەجىمدىكى ئاۋاز ئامبىرىغا ئىگە بولغانلىقىدۇر.

 ئۇنداقتا بىز ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇشتا ئىمكانسىزمۇ دېگەندە ئۇنداقمۇ ئەمەس. ئەگەر يېتەرلىك ئاۋاز ئۇچۇرى بولسا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن، بىراق بۇ خىل تىپتىكى غايەت زور ئاۋاز ئامبىرىغا دۇنيا دەرىجىلىك ۋە دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ كارخانىلار ئىگە بولۇۋالغان بولۇپ، ئادەتتىكى يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ بۇ خىل تىپتىكى ئاۋاز ئامبىرىغا ئىگە بولالماسلىقى تىلىمىزنى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرگە تونۇتۇش ئېئلىپ بېرىشقا بولغان بىر چوڭ توسالغۇ. ئەگەر بۇ توسالغۇنى ھەل قىلالىساق ئۆز مىللىتىمىزدىكى ۋە باشقا تىلدىكى يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرىنى ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇشنى يېتەرلىك ئىمكانىغا ئىگە قىلغان بولىمىز. Mozilla نىڭ ئوچۇق مەنبەلىك ئاۋاز ئامبىرى ياساش قورالى بولغان Common Voice بىزنى بۇ خىل ئىمكانىغا ئىگە قىلىدىغان تۈرنىڭ بىرى دەپ ئويلاشقا تامامەن بولىدۇ.

تۆۋەندىكىسى بولسا Mozilla نىڭ Common Voice تۈرى توغرىسىدا Common Voice تۈرىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن چۈشەنچىسى:

Common Voice دېگەن Mozilla نىڭ كىشىلەرنىڭ قانداق سۆزلەيدىغانلىقىنى ماشىنىلارغا ئۆگىتىشنى نىشان قىلغان تۈرى. ئاۋاز دېمەك تەبىئىيلىك، ئاۋاز دېمەك ئىنسانلىق. شۇڭلاشقا بىز ماشىنىلار ئۈچۈن ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە ئاۋاز تېخنىكىسىنى يارىتىشقا بەل باغلىدۇق. ئەمما ئاۋاز سىستېمىسى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىجادكارلار ئىنتايىن كۆپ ئاۋاز مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق. كۆپ ساندىكى كىشىلەر چوڭ شىركەتلەر ئىشلىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ يېڭىلىق يارىتىشنى بوغۇپ قويىدۇ. شۇڭا بىز Common Voice تۈرىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكىسىغا ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولماقچى. ھازىر ئاۋازىڭىزنى ئىئانە قىلسىڭىز، ئوچۇق كودلۇق ئاۋاز ئامبىرى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن بولىسىز، ھەرقانداق ئادەم ئۇنى ئىشلىتىپ ئۈسكۈنە ۋە توردا يېڭىلىققا تولغان ئەپلەرنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدۇ. بىر جۈملە ئوقۇپ ماشىنىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ قانداق سۆزلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭ. باشقا تۆھپىكارلارنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈڭ. مۇشۇنداق ئاددىي!
========================================================

Common Voice توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ بېرىلگەن چۈشەنچىلەرنى كۆرۈپ چىقىڭ.

https://commonvoice.mozilla.org/ug

ئەگەر تۆھپە قوشۇشنى خالىسىڭىز يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىكى «تۆھپە قوشاي» نى بېسىپ ئاۋازىڭىزنى ئۈنگە ئېلىش ۋە ياكى باشقىلارنىڭ سۆزلىگىنى بىلەن تېكىستنىڭ بىردەك ياكى ئەمەسلىكىنى دەللەش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.

ئۈستىدىكى ئۇلىنىشتا كۆرگىنىمىزدەك بىز يېقىندا Common Voice نى ئۇيغۇرچىغا يەرلىكلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا 5000 جۈملە قوشۇپ تاماملىدۇق، Common Voice تۈرىمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى تۈر سۈپىتىدە قوزغاتتى، قالغىنى پەقەت سىز ۋە بىزنىڭ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئاۋازىمىزنى قوشۇش ياكى قوشۇلغان ئاۋازلارنى دەلىللەش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشتۇر.

بۇ دېگەنلىك 5000 جۈملىنى بىر نەچچە كىشى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بۇ 5000 جۈملە بۇ تۈرگە تۆھپە قوشماقچى بولغان ھەر بىر كىشى ئوقۇشقا تېگىشلىك جۈملە بىراق چوقۇم ئوقۇمىسىڭىز بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئوقۇشقا قۇلايسىز جۈملىلەر بولسا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

ۋىرۇس سەۋەبلىك كۆپىنچە ۋاقىتنى ئۆيدە خىزمەت ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ زېرىكىپ قالغاندا، كۈندە باشقا تىلدا سۆزلەپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى سېغىنىپ قالغاندا، ئۇيغۇر تىلىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشماقچى بولسىڭىز، ئەگەر كەلگۈسىدە ئۈسكۈنىلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى سىزنىڭ ۋە سىزنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئاۋازلارنى تېخىمۇ توغرا تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسۇن دېسىڭىز كۈندە ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇ تۈرگە تۆھپە قوشۇڭ. ھەتتا بالىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئوقۇش تاپشۇرۇقى قىلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە سىنىپلىرىمۇ ئوقۇش تاپشۇرۇقلىرى قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

Common Voice توغرىسىدىكى كۆپ سورالغان مەسىلىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى ئېچىڭ.
https://commonvoice.mozilla.org/ug/faq

ئەگەر سورايدىغان ۋە ياكى ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەر بولسا تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق Common Voice نىڭ ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىڭ.
uyghur.cv@gmail.com

ھۆرمەت بىلەن Common Voice ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى
2
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىڭ

Common Voice دېگەن Mozilla نىڭ كىشىلەرنىڭ قانداق سۆزلەيدىغانلىقىنى ماشىنىلارغا ئۆگىتىشنى نىشان قىلغان تۈرى.
ئاۋاز دېمەك تەبىئىيلىك ، ئاۋاز دېمەك ئىنسانلىق. شۇڭلاشقا بىز ماشىنىلار ئۈچۈن ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە ئاۋاز تېخنىكىسىنى يارىتىشقا بەل باغلىدۇق. ئەمما ئاۋاز سىستېمىسى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىجادكارلار ئىنتايىن كۆپ ئاۋاز مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق.


كۆپ ساندىكى كىشىلەر چوڭ شىركەتلەر ئىشلىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ يېڭىلىق يارىتىشنى بوغۇپ قويىدۇ. شۇڭا بىز Common Voice تۈرىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكىسىغا ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولماقچى.

قېنى ئەمىسە ئاۋازىڭىزنى قويۇۋېتىپ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى جۈملىلەرنى جاراڭلىتىڭ.

ئاۋازىڭىزنى جاراڭلىتىڭ

ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ قولىڭىزدىكى تېلېفوندا ئۇيغۇر تىلىنى ئۈنگە ئېلىڭ. سىزنىڭ ئاۋازىڭىز كەلگۈسىدە كومپيۇتېر، تېلېفونلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ.


3

Google زېھنىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ تورتۇراسىنى راۋاجلاندۇرۇپ Yahoo بىلەن رىقابەتلىشەمدۇ ياكى تېخنىكا تەمىنلەش سودىگىرى سۈپىتىدە Inktomi بىلەن رىقابەتلىشەمدۇ؟ كەسىپ ئەھلىلىرى بۇ مەسىلىنى توختىماي پەرەز قىلىشاتتى. ئەگەر بىز ھەر ئىككىسىنى ئويلاشساق، ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىزدەش موتورىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىللە، يەنە ئوخشاش مەقسەتتىكى تورتۇرالارغا ئىزدەش تېخنىكىسى تەمىنلەيمىز، ئاخىرىغا كېلىپ ئۆزىمىزنىڭ خېرىدارى بىلەن رىقابەت شەكىللىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ سەۋەبى، كىشىلەرنىڭ لاررى بىلەن سېرگېينىڭ جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىگە نىسبەتەن ھېچنىمىنى بىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلاش. تورت يەلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن پەقەتلا تورتنى ئالىدۇ؟ Google ھەم ئىزدەش تېخنىكىسى تەمىنلىگۈچى سودىگەر، ھەم ئۆزىنىڭ ئىزدەش تورتۇراسىنى قۇرىدۇ، چۈنكى لاررى بىلەن سېرگېينىڭ كۆڭلىدە سان بار، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقلىگە تايىنىپ مەغلۇپ بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.

ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئىزدەش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئەمەس. ئۇلار زور كۆلەملىك ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان شىركەتتىن بىرنى قۇرماقچى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلە مىليونلىغان تور ئەھلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلار يەنە ئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەن مەنزىرىسىنى قايتا تىكلىمەكچى. ئۇلار تېببىي ساھەدە بۆسۈشنى تېزلىتىپ، ئالەم بوشلۇقى ھەققىدە ئىزدىنىشنى تېزلىتىدۇ، ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدىكى تىل توسالغۇسىنى يەڭمەكچى. ئۇلار دۇنيا خاراكتېرلىك نادانلىق ۋە قالايمىقانچىلىققا ۋاقىتلىق تەدبىر تەمىنلىمەستىن بەلكى دۇنيا رەقەملىك سىستېمىسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان قاتمۇ-قات توسالغۇلارنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، كىشىلەرنى لازىم بولغان ئۇچۇرغا ھېچقانداق كۈچىمەيلا ئېرىشتۈرىدۇ. لاررى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئۇلار خۇددى ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكتىرونىغا ئوخشاش ئۇچۇر بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئايلىنىپ، ئۇچۇر ساھەسىدىكى ھەممىباب ئېلېكتىرونىغا ئايلىنىدۇ. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار تېخىمۇ ياخشى قورالغا ئېھتىياجلىق. ئالدى بىلەن ئىزدەش موتورىنى ياخشىلاپ، كىشىلەر ئىزدىمەكچى بولغان ئۇچۇرلارنى ھەقىقىي نامايان قىلىش كېرەك.

ئىنژېنېرلار تۆۋەن ئۈنۈمنى ئۆچ كۆرىدۇ.  مەن ئۇچراتقان كىشىلەر ئارىسىدا، لاررى پەيج نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن سىستېمىغا ئەڭ ئۆچ. ئۇنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى دۇنيانىڭ ئەمدى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىقىغا ياردەم قىلىدۇ.

ئۈنۈمنى ياخشى كۆرسە تېجەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى ئەمەلىيەتتە، سېلىنمىنى ئازايتىشنى سېپى ئۆزىدىن ئىسراپچىلىق دېگىلى بولمايدۇ. لاررى زۆرۈرىيىتى بولمىغان بارلىق چىقىملارنى قىسقارتىشقا ئامراق، بىراق تەننەرخ تىزگىنلەش جەھەتتە، ئەقىل-پاراسىتىنى ئىسراپ قىلماي ئېغىشماي ۋايىغا يەتكۈزگىنى يەنىلا سېرگېي.

2003-يىلى 1-ئاينىڭ بىر كۈنى، بىز مىلانغا يېتىپ كەلدۇق، ئايرودۇرۇمدىن شەھەر رايونىغا بېرىشتا تاكسى باھاسىنىڭ 100 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، سېرگېي ماڭا: «سەل قىممەتكەن. » دېدى، سېرگېي، قىز دوستى، يەنە مەن ئۈچەيلەن ئەمدىلا ئامېرىكىدىن ئۇچۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىتالىيە تارماق شىركىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماقچى ئىدۇق. مۆلچەرىمگە ئاساسلانغاندا، بىزنىڭ ساياھەت ئۇسۇلىمىز ھېچ بولمىغاندا كۈنسېرى ئالغا بېسىۋاتقان ئىنتېرنېت شىركىتى باشلىقىنىڭ سالاھىيىتىگە ماس كېلە دەپ ئويلىدىم. باشقا بارلىق ئىنتېرنېت كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپۈك يامراپ كەتكەن، جان جەھلى بىلەن پۇل كۆيدۈرۈۋاتقان تور دەۋرى ئاخىرلاشقان، ئەمما Google شىركىتىنىڭ پايدىسى يۇقىرى، مالىيە ئەھۋالى ياخشى ئىدى. گەرچە ئىلگىرى كاماندىرۇپكىغا چىققاندا ئەرزان بۆلۈمچىدە ئولتۇرساقمۇ، ئەمما ھازىر ئازراق ئۆزگەرتىپ، ئاشۇ كونا دۇنياغا بىزنىڭ ھەقىقەتەن پايدا قىرغىقىغا يەتكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويارمىز.

بىز ئۇ جايدا يۈك-تاقلىرىمىزنى كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتا، سېرگېي ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسىغا سىڭايان قاراپ، مۇنداق تەكلىپ بەردى: «چوڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرايلىمۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاپتوبۇس بىلىتى 5 ياۋروغىمۇ يەتمەيدىكەن.» چوڭ ئاپتوبۇس؟ نېمە؟ بىزنى ئوقۇغۇچىلار ئەتىيازلىق ساياھىتىدە دەپ ئويلىمىغاندۇ؟ تاكسىغا ئولتۇرۇپلا شەھەر رايونىغا بارايلى بولدى. ئەينى چاغدا كۈچلۈك يامغۇر يېغىۋاتاتتى، تاكسى بىزنى بىۋاسىتە ئىشىك ئالدىغا ئاپىرىپ قويىدۇ، ھەرگىزمۇ ئارىلىقى خېلىلا يىراق ئاپتوبۇس بېكىتىدە تاشلاپ قويمايدۇ.

بىز ئاخىرىدا پويىزغا ئولتۇرىدىغان ئوتتۇرھال لايىھەنى تاللىدۇق. ئەگەر مېنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان غۇرۇرۇمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىز 50 ئامېرىكا دوللىرى تېجىدۇق.

يۇقىرى ئۈنۈم. ئىقتىسادچىل. ھە، راست، يەنە تۈز.



لاررى بىلەن سېرگېينىڭ تۇغما تۇيغۇسى بولۇپ، يۇقىرى سىگنال-شاۋقۇن نىسبىتى ئۇسۇلىدا سانلىق مەلۇماتلارنى نامايان قىلالايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىشلەتكۈچى ھەقىقىي كۆرمەكچى بولغان ئۇچۇرلارنىڭ ئۈستىگە كېرەكسىز مەزمۇنلارنى قوشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، Google نىڭ ئىزدەش نەتىجىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئېلان يوق؛ شىركەتنىڭ باش بېتى Google.com دا، Google تەمىنلىگەن بارلىق كەسىپلەرنىڭ ئۇلانمىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ؛ Google نىڭ ئەمەلىي ئىزدەش نەتىجىسىگە رىقابەتچىمىز GoTo.com غا ئوخشاش ئېلان ئارىلاشتۇرمايدۇ. يۇرۇشۈش سىستېمىسىنى چىرىتىش ساپلىققا بولغان ھۆرمەتسىزلىك.

بىر قېتىملىق ئىشلەتكۈچى ئىزدەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش مۇنازىرە يىغىنىدا، مەن مۇنداق تەكلىپ بەرگەن: «ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يولغا قويغان دائىملىق خېرىدارنىڭ ئۇچۇش مۇساپە جۇغلانما پىلانىغا ئوخشاش ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سادىقلىق دەرىجىسى پىلانىنى سىناپ بېقىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. »

لاررى قوشۇمىسىنى تۇرۈپ قويدى. ئۇ پىكرىڭىزنى ئىنتايىن بىمەنە دەپ قارىسا، ئۆزىدە مۇشۇنداق ئوينىڭ بولغانلىقىدىن نۇمۇس ھېس قىلغان ۋاقىتتا، بۇ ئۇنىڭ ئادەتلەنگەن چىراي ئىپادىسى.

دائىملىق خېرىدارلار مۇساپە جۇغلانما پىلانى «يامانلىق» قىلىۋاتىدۇ. دېدى ئۇ.

«شۇنداقمۇ؟ » مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ جۇغلانما ئۇچۇش پىلانى مۇساپەمدىكى رەقەمنىڭ ئاخىرقى ئۈچ خانىسىنىڭ 666 ئىكەنلىكىلا ئېسىمدە، قالغىنىنى ئەسلىيەلمىدىم.

ئۇلار كىشىلەرنى ئانچە قۇلاي بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنچە ئەرزان بولمىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، پەقەتلا جۇغلانما نومۇر كۆپەيتىش ئۈچۈن. بۇ يولۇچىلارنىڭ غوجايىنلىرى كۆپ پۇل خەجلەۋاتىدۇ، يولۇچىلار ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ. »

سادىقلىق دەرىجىسى پىلانى سادىقلىقنى ئۈنۈمنىڭ ئۈستىگە قويغان، ئۇ ئىنتايىن زور خاتالىق.

يۇقىرى ئۈنۈم، ئىقتىسادچىل، تۈز.
مېنىڭچە، بۇ بىر قانچە سۆز بايراققا كەشتىلەپ قويۇلسا، زور كۆپچىلىك Google لۇقلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. Google غا كىرگەندىن كېيىنكى خاتانى سىناش جەريانىدا، مەن يەنە باشقا يۈرگۈزۈش قائىدىسىنى بايقىدىم، ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ نۇقتا بارلىق قائىدىلەرنىڭ ئۇل تېشى.

Google دىكى ۋاقتىمدا، 50 نەچچە Google خىزمەتدىشىمنىڭ قانداق جاپا تارتىپ، تىجەپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئاشۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ باقايلى.

قۇرۇق گەپ قىلماي، ئەمەلىي ئىش قىلىش

مېنىڭ بىلىشىمچە، گەرچە مەن Google شىركىتىنىڭ 59-نومۇرلۇق خىزمەتچىسى بولساممۇ، ئەمما مېنىڭ باشقىلار بىلەن ھېچقانداق پەرقىم يوق، شۇڭلاشقا خىزمەت نومۇرىنىڭ چوڭراق ياكى كىچىكرەك بولۇشى بەرىبىر. ھەر بىر خىزمەتچىمىز كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇرغا تېخىمۇ ئاسان ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىدۇ.  بۇ خىل سالاھىيەت مەرتىۋىگە ئەھمىيەت بېرىلمەيدىغان مۇھىتتا، دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن ئىنژېنېرنىڭ ئىقتىدارىمۇ مەندىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق.

نەزەرىيە جەھەتتىن مۇشۇنداق.

ئەمەلىيەتتە، ئەگەر سىز ئىنژېنېر بولمىسىڭىز، سىزنىڭ بىرىنچى قائىدىڭىز ئىنژېنېرنىڭ كۈنتەرتىپىگە دەخلى قىلماسلىق. مەن تېخنىكا خادىم ئەمەس، تېخنىكا مەسىلىسى چىققاندا، ھېچقانداق Google خىزمەتچىسى: «ھوي، دوگلاستىن سوراپ باقايلى!» دېمەيدۇ ئەمما كۈندە ئازراق بىر نەرسە ئۆگەنمىسىڭىز، Google دا خىزمەت قىلالمايسىز، گەرچە سىز مەقسەتلىك ئۆگەنمىسىڭىزمۇ. مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تامام يېگەندە، زور كۆپچىلىك ئىنژېنېرلار ھېچقانداق قورۇنماستىن ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى دېيىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ماڭا راست گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈشنى ئانچە كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ. گەرچە مۇشۇنداق بىر خىل بېسىم بولغان تەقدىردىمۇ، Google نىڭ ئىنژېنېرلىرى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم نىشانىغا قاراپ تىرىشىشقا مايىل، ھەرگىزمۇ پو ئېتىپ ئۆزىنىڭ قابىلىيەتلىكلىكىنى پەش قىلمايدۇ. بۇ بىر خىل «قۇرۇق گەپ قىلماسلىق، ئەمەلىي ئىشلەش» مەدەنىيىتى، بۇ خىل مەدەنىيەت تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىدىن زوقلىنىدىغانلارنى غەلىتە كۆرسىتىپ قويىدۇ.

مەسىلەن، بىر مەزگىل ھەر جۈمە كۈنىدىكى شىركەتنىڭ قەرەللىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدىم. بۇ قەرەللىك يىغىن پۈتكۈل شىركەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى ئىشلارغا چېتىلىدۇ، لاررى بىلەن سېرگېي بىر ھەپتىدىن بۇيانقى خىزمەت نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلايدۇ، بىز ئۇ جايدا كاۋاپ يەپ، ئىچىملىك ئىچىمىز. ئىنژېنېرلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىشنى خالىمايدۇ، سېرگېي دائىم دېگۈدەك ياخشىراق گەپنىڭ بولماسلىقىدىن قىينىلىدۇ.

«قول ئاستىڭدا ئاز دېگەندە 300 ئادەم بار، شۇڭلاشقا بىر ھەپتە بىر ئادەمنىڭ 6 يىل ئىشلىگەنلىكىگە تەڭ. ئەگەر مېنىڭ 6 يىللىق خىزمىتىم جەدۋەلدىكى ئاشۇلار بولسا، ئۇنداقتا كىشىلەرگە قارايدىغان يۈزۈم قالمايدۇ. » سېرگېي بىر قېتىملىق جۈمە كۈنىدىكى قەرەللىك يىغىندا بىر باشقۇرغۇچىغا شۇنداق دېگەن.

ئالاقە مەسىلىسى بۇ كىتابنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىدۇ: قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بىلەن بازارچىلىق ئارىسىدىكى مەسىلە، لاررى، سېرگېي ۋە باشقا خادىملار ئارىسىدىكى مەسىلە. ئوقۇپ شۇ جايغا كەلگەندە، چۈشىنىپ قالىسىز.

ئۇنداقتا، ھازىر بىلىدىغىنىڭىز: ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا Google شىركىتى ۋە ئۆزەم دۇچ كەلگەن خىرىسقا نىسبەتەن ھېچقانداق ئومۇميۈزلۈك ئۇقۇم يوق ئىدى؛ كارخانا ئىستراتېگىيەمىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە قاتتىق دېتالغا سالغان مەبلەغنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم؛ ھەتتا شىركەتنىڭ ئەقەللىي قائىدىگە چۈشمەيدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمى، ھەممىلا جايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بېسىم كەيپىياتى شۇنداقلا ئاشقۇن كارخانا مەدەنىيىتى مۇھىتىدىن قىلچىلىكمۇ بىلمەيتتىم. ئەمما، ھېچ بولمىغاندا قايسى قائىدىلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويغىلى بولىدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيتتىم.

ھازىر سىز مەندىنمۇ يېتەرلىك تەييارلىق قىلدىڭىز، Google نىڭ تەۋەككۈلچىلىك تارىخىنى ئىگىلىسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭ ئەينى چاغدىكى بىلىش تارىخىم 1999-يىلى كېيىنرەك باشلانغان، ئۇ چاغ 40 ياشقا كىرىپ بىر يىلدىن كېيىن ئىدى. مەن ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ياش كىرىزىسىغا دۇچ كېلىشىم كېرەك ئىدى ئەمما ئېرىشكىنىم بىر قېتىملىق يېڭى ھايات بولدى.
4
مۇقەددىمە

Google دا مەن ئىنتايىن تەلەيلىك

لاررى پەيج ئىنتايىن كۈچلۈك، 1999-يىلى مەن ئۇنىڭ بىلەن سېرگېي شېرىكلىشىپ قۇرغان شىركەتكە كىرگەن ۋاقىتتىلا شۇنداق ئىدى.

مەيلى قاچان بولسۇن، مەن ئۆزۈمنى لاررى بىلەن بىر ئىشخانىدا بايقىسام، بىر خىل تېخىمۇ جانلارچە تىرىشىپ ئىشلەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن مۇھىم ئىشلارنى پاراڭلىشىۋاتمىغانلا بولسام، خۇددى ئۇنىڭ ھەر بىر سېكۇنت ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.

2002-يىلىنىڭ بىر كۈنى، لاررىنىڭ ئىشخانىسىدا ئىككىمىزلا قالدۇق، بىز بەزى لايىھەلەر ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇزۇن تالاشتۇق. ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ بىلەن تالىشىپ باققان، ئۇتتۇرۇپمۇ باققان. مەن تالاش-تارتىشتىن نېمە ئۆگىنىۋالغانلىقىم ھەققىدە ئويلىنىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسكىن تالاش-تارتىشتىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ ئەپلىشىپ قالىمەن. لاررى ئىختىيارىي ھالدا كۈلرەڭ كىيىنىدۇ، پۈتۈن دىققىتىنى كومپيۇتېر ئېكرانىغا يىغىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، يانمۇ-يان قويۇلغان ئالاھىدە چوڭ ئېكرانغا تىكىلىپ تۇرىدۇ، ئۈستىدە پىروگرامما كودى ۋە تور بەت زىيارەت كۆزنىكى بار. لاررى بىلەن بىر ئىشخانىدا تۇرىدىغان سېرگېي ئەينى چاغدا يوق بولۇپ، قالايمىقان تاشلاپ قويۇلغان چاقلىق كانكى ئايىغى، پۈرلىشىپ كەتكەن خوككېي توپ كىيىمى ۋە قايسى بىر ياپونىيە ناخشىچىسىنىڭ ھەيكىلى خۇددى ئۇنىڭ بوش قالغان ئورۇندۇقىغا ئۈنسىز قاراۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.

مەن گەپ باشلاپ: «لاررى، مەن سېرگېي بىلەن سېنىڭ شىركىتىمىزگە بېكىتكەن تەرەققىيات نىشانىنىڭ ھەممىسىنى ئىزچىل قوللاپ كەتمەيمەن. ئەمما، مەن ئىزچىل بۇ مەسىلىنى ئويلىنىۋاتىمەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ساڭا شۇنى دېسەم، ئىلگىرىكى كەچمىشلىرىمنى ئەسلىگەندە، سىنىڭ توغرا تەرەپلىرىڭنى كۆپرەك دەپ قارايمەن. مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن، بۇ جەرياندىكى سەۋر-تاقىتىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن. »

بۇ خېلى يامان ئەمەس تەخسىكەشلىك دەپ ئىچىمدە كۈلدۈم. مەن ئىزچىل ئۆزەمنى كەمتەر ئىپادىلەپ، لاررىغا پۇرسەت يارىتىپ، ئۇنىڭ مېنىڭ Google شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش قوشۇنىدىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىگە بولغان ئەمەلىي كۈچ ۋە مەۋجۇت بولغان ئاجىزلىقلىرىمنى تەھلىل قىلىپ، مېنى ئېغىزاكى ئىلھاملاندۇرۇپ، شۇنداقلا قىممىتىمنى جەزملەتتىم. بۈگۈنكى كۈندە، ئەگەر مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئاقىلانە تەكلىپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە مەن ئوتتۇرىغا قويغان توغرا چۈشەنچىنى تەبرىكلەيدۇ. مەن ئەرلەر ئارىسىدىكى قۇچاقلىشىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان تۇيغۇنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن، ئاندىن مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئېچىپ، ئەمدىلا تەييار بولغان كاپچىنو سۈت قەھۋەسىدىن ھۇزۇرلىنىمەن. بۇ چوڭ شىركەتلەردىكى «يۇقىرىغا قارىتا باشقۇرۇش» تا قوللىنىدىغان ئادەتلەنگەن يول.

لاررى كود كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلىپ قاراپ، خۇددى ئىنتايىن سىرلىق بىر فورمۇلانى يېشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

«توغرا بولغان ۋاقىتلار كۆپرەك؟ » دەپ سورىدى ئۇ، «بىز قاچان خاتالاشقان؟ »

ئۇ بۇ مەسىلىنى سورىغان ۋاقىتتا چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق بولۇپ، نە چىرايىدا كۈلۈمسىرەش، نە قوشۇمىسىدا تۈرۈلۈش ئالامىتى يوق ئىدى. ئۇ پەقەتلا ئۆزىنىڭ قاچان خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئۇچۇرنى ئۇنىڭ دۇنيا مودېل ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئىنكاس قايتۇرماقچى ئىدى. ئەگەر ئىلگىرى خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ ھەر خىل تەپسىلاتلارنى بىلىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ، شۇنىڭدىن ئوخشاش مەسىلە قايتا كۆرۈلگەندە، ئىلگىرىكى خاتالىقنى ئويلىشىدىغان بىر نۇقتا قىلماقچى.

مەن ئۆزەمنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىن قايتىپ، «ھە، دېگىنىڭمۇ توغرا. مەن ئەمدى چوڭ شىركەتتە خىزمەت قىلمايدىغان بولدۇم، مەن Google ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن. » دېدىم.

Google قانداق يۈرۈشىدۇ

كۆپچىلىك ھەممەيلەن Google نى بىلىدۇ.

ھېچ بولمىغاندا Google نىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ: Google سىزگە ياردەملىشىپ ئىنتېرنېتتا مەزمۇن ئىزدەيدۇ. 1999-يىلى مەن Google شىركىتىگە كىرگەن ۋاقىتتا، مەن بىلگەن ئەھۋال شۇلا ئىدى. ئۇ چاغدا مەن تور بەت ئىندېكىسلىغۇچنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، توربەت دەرىجىسىنى بېكىتكۈچنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، يەنە تور قۇرۇتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. مەن جاھىل ئىنژېنېرلارنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقى، ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى قانچىلىك ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يوپۇرۇلۇپ كېلىدىغانلىقى، يەنە كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر كۈندە «تاپقان پۇل» نىڭ ئىلگىرىكى 30 يىللىق كىرىمنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ بولغان ۋاقىتتىكى ھېسسىياتنى بىلمەيتتىم. ئۇ چاغدا مەن ھېچنەرسىنى بىلمەيتتىم ئەمما ھازىر ئوپئوچۇق.

دەر ھەقىقەت، مەندە يۈز بەرگەن ھىكايە تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت، سەل تاسادىپىيلىقتەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق بىلەن چۈشەندۈرگىلىمۇ بولمايدۇ.

تەرەققىيات سۈرئىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى بىر شىركەتتە، مەن ھەر ۋاقىت «G كۈچى» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايمەن؛ كونا قائىدە ماس كەلمەيدىغان يېڭى مۇھىتتا، پەقەت ئىلگىرىكى تەجرىبىگىلا تايانغاندا كۈدە-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ ئاستا كېتىپ قالىدۇ.  بۇ كىتابتا بايان قىلىنغىنى دەل مۇشۇ جەرياندىكى ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرى. بۇ كىتابتا Google شىركىتىنىڭ 1999-2005 يىلىغىچە بولغان تولۇق تارىخى بايان قىلىنمايدۇ، ھەم Google نىڭ نۇرغۇن چوڭ تۆھپىلىرى قايتا تىلغا ئېلىنمايدۇ. Google نىڭ تورتۇراسىدىن، شىركەتنىڭ مەن يازغان رەسمىي تارىخىنى تاپالايسىز. شۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپ قىسىم مەزمۇنلار ئەسلىدىكى ئاساسىدا ئازراق پەردازلانغان، شۇڭلاشقا مەن بۇ كىتابتا يەنە كونا مۇقامنى توۋلىغىم يوق. مەن ھەقدارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرگۈزۈلۈشى (شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسلىقى) نىڭ سەۋەبى شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئەھۋالىغا نىسبەتەن، ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

بۇ كىتاب Google نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەزمۇن تەكشۈرۈش، ئىزدەشنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش، مونوپۇللۇققا چېتىلىش قاتارلىق تالاش-تارتىشلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلمايدۇ. كىتابتا مەن 1999-يىلى Google غا كىرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ 2005-يىلى ئايرىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ئىشلارلا مۇنازىرە قىلىنىدۇ. تورنىڭ بىتەرەپلىك مەسىلىسى، كوچا مەنزىرىسى سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاش مەسىلىسى ياكى دېڭىزدىكى شامال كۈچىدىن توك چىقىرىش مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۇ چاغدا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس ئىدى. ئۇ چاغدا ئەڭ چوڭ مەسىلە قانداق قىلىپ «يامانلىق قىلماسلىق» تىن ئىبارەت ئەقىدە ئاساسىدا رەقەملەشكەن ئەخلاق قورغىنىنىڭ ياقىسىدا، بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى ئىزدەش تېخنىكىسى ئىجاد قىلىش، زور مىقداردا سودا ئېلانى سېتىش، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يۇتۇۋېتىشىدىن قانداق ساقلىنىش ئىدى.

گەرچە كىتابتىكى مەزمۇنلار بازارچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىنىڭ مەيدانىدىن كەلگەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىپەم «ئىستېمال ماركا باشقۇرۇش» نى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ ئەمما كىتابتا نوقۇل بازارچىلىقلا سۆزلەنمەيدۇ. ئۆزەمنىڭ Google ماركىسىنى «ياراتقان» لىقىمنى بايان قىلمايمەن. Google نىڭ داڭقى مەھسۇلات ئاساسىدا قۇرۇلغان، مەھسۇلاتنى ئىنژېنېرلار ياسىغان. بۇ كومپيۇتېر ئالىملىرى ياسىغان سىستېما ئىنتايىن مۇرەككەپ، راكېتانى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغان سىستېمىدىن قېلىشمايدۇ، ئەمما ھازىر ئىنتېرنېتنىڭ ھەممە چوڭ-كىچىك بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا تارقالغان كىچىك بىر ئىزدەش رامكىسىغا ئايلاندى.

مەن ئىنژېنېرلارنىڭ خىزمەت ئادىتىنى بايان قىلىمەن، بۇ خىل ئادەتلەر ئۇلارنى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور مىقداردىكى خىزمەتلەرنى تاماملاتقۇزىدۇ؛ يەنە ھەر قانداق مەسىلىنىڭ يېشىمى بار، ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بىر دۆۋە سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايدىغان شىركەتنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھامان، ئۇلار ماڭغان يولىدىن ئېغىشماي، ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، توسالغۇ بولۇشقا بولمايدۇ، بولالمايدۇ، شۇنىڭدىن شەكىللەنگەن خىزمەت ئادىتىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق كەمچىلىكى بار، بۇنى كىتابتا تىلغا ئالىمەن.

Google كىشىلەرگە ياردەملىشىپ دۇنيادىكى ھەممە ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر شىركەت، ئاشكارا، ئىشەنچ، مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى قاتارلىق ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوللانغان تەدبىر مۇۋاپىق بولماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن، سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرىمەن.

ئالدى بىلەن، Google شىركىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەندۈرىمەن، بۇ دەل مەن Google غا ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى بىلىشنى ئارزۇ قىلغان نەرسە. مۇشۇنداق بولغاندا، قالايمىقان مەزمۇنلارغا يۈزلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويمايسىز.

ئۇنداقتا مەن Google نىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى قىسقىچە دەپ باقاي. Google لاررى بىلەن سېرگېي 1996-يىلى بىرلىشىپ قىلغان پەن-تەتقىقات تۈرىدىن باشلانغان، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تەتقىقات تۈرى بىر خىل يېڭى ئىزدەش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلنى لاررى PageRank (توربەت دەرىجىسىنى باھالاش) دەپ ئاتىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئۇسۇلدا تور بەتنىڭ مۇھىملىقى بويىچە دەرىجە بېكىتىدۇ. بىر تور بەتكە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى بارلىق باشقا تور بېكەتلەر نىشانلىغان تور بەت ئۇلانمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئويلىشىلىدۇ. بۇ خۇددى، باشقا تور بېكەتلەر مەزكۇر بەتنى نىشانلاپ كۆرسەتسە، بۇ تور بەتنىڭ دىققەت قىلىش قىممىتى بارلىقىنى ئىپادىلىگەندەك ئىش. زور كۆپچىلىك ئىزدەش موتورلىرى پەقەت تور بەتتىكى مەزمۇنغىدا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىزدەيدىغان سۆزگە ئاساسەن شۇ تور بەتتە  كۆرۈلۈش چاستوتىسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزىدۇ. مەسىلەن بىر يوچۇن ئادەمگە ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇ ئادەمنىڭ تەقى-تۇرقىغا ئاساسەنمۇ، ياكى بارلىق تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا شەكىللەندۈرگەن پىكرىگە ئاساسەنمۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق. لاررى بىلەن سېرگېينىڭ ئىزدەش تېخنىكىسىنىڭ تەھلىل قىلىدىغىنى شەكىل كەينىدىكى ئەھۋال بولغانلىقتىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىزدەش موتورىنى «BackRub» (دۈمبە ئۇۋىلاش) دەپ ئاتىغان. بىر مەزگىلگىچە، ئۇلارنىڭ تۇغى لاررى بىر قولىدا ئوچۇق مۈرىسىنى سىلاۋاتقان كۆرۈنۈش بولغان ئىدى. گەرچە كېيىن ئۇلار رەسىمدىكى لاررىنىڭ قولىدىكى قارا تۈكنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ تۇغ قارىماققا يەنىلا قوپال شەھۋانى فىلىملەردىكى كىنو رەسىمىگە ئوخشايتتى.



1997-يىلى، ئۇلار Google دەپ ئۆزگەرتكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە دەرىجە كۆرسەتكۈچ (googol دېگەن 10 نىڭ 100-دەرىجىسى) كە ئامراقلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار googol دىن پەرقلىق ئىملا شەكلىنى قوللاندى، بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرىنچى، دائىرە نامى googol.com نى باشقىلار خەتلىتىپ بولغان، ئىككىنچى، لاررى رەقەمنى تاۋار ماركىسى قىلىپ خەتلىتىشكە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. لاررى ئىنتايىن ئەقىللىق سودىگەر، بىز كېيىن بۇ تەرىپىنى بىلىپ قالىمىز.

شۇنىڭدىن كېيىن بىر يىلغا يەتمەي، لاررى بىلەن سېرگېي سىتانفوردتىن ئايرىلىپ، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى مېنلوپاركقا كېلىپ، سېرگېينىڭ قىز دوستىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ياتاقدىشى سۇسان ۋوجچىككىنىڭ ماشىنا ئامبىرىدا Google شىركىتىنى قۇرغان.  Google نىڭ تور ئېقىمى شۇنىڭدىن باشلاپ زور مىقداردا ئاشقان، شىركەتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئادەم تەكلىپ قىلىشقا باشلىغان. Google شىركىتى 1998-يىلى 9-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان، تەرەققىي قىلىپ 1999-يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە، سۇساننىڭ ماشىنا ئامبىرى بۇ شىركەتنى سىغدۇرالمىغان، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن كالىفورنىيەدىكى پاۋلو ئالتو شەھىرى ئۇنىۋېرسىتېت كوچىسى 165- نومۇرلۇق ئىشخانا بىناسىغا كۆچۈپ كەلگەن. يېرىم يىلدىن كېيىن، ئۇلار ئىككى چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىش شىركىتىنى قايىل قىلىپ، Google غا بىرلىكتە 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغۇزغان، Google شىركىتىمۇ مائۇنتېن ۋىيىۋ شەھىرىدىكى بىر سانائەت باغچىسىغا كۆچۈپ بارغان. مەن دەل شۇ جايدا Google غا كىرگەن، ئەينى ۋاقىتتا شىركەتتە تەخمىنەن 50 دەك خىزمەتچى بار بولۇپ، ھەر كۈنى ئالاھەزەل 7 مىليون قېتىملىق ئىزدەشنى تاماملايتتى. گەرچە Google نىڭ كەسىپ مىقدارى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن تەخمىنەن 700 ھەسسە ئاشقان بولسىمۇ ئەمما Yahoo، ئامېرىكا لىنىيەسى ۋە MSN (مىكروسوفت شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان شۇئان پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتالى) دەك بۇنداق كۈنىگە يۈز مىليوندىن بەت يوللايدىغان تورتۇرالارغا سېلىشتۇرغاندا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى.

Yahoo كونا يېڭى مىڭ يىل ئالمىشىدىغان پەيتتە ئىنتېرنېت ئىزدەش ساھەسىدىكى قورقۇنچلۇق ئەمما كىشىنى بىزار قىلىدىغان غەلىتە مەخلۇق، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئىزدەش موتورى دېگىلىمۇ بولمايدۇ. Yahoo بىر «دەرۋازا»، ئۇ تورخەت، خەۋەر ۋە ھەر خىل مۇلازىمەتلەرنى توپلاپ، تۈرى بويىچە مۇندەرىجىگە تۇرغۇزۇپ، توپلاشتۇرۇپ تور بەتكە قويىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا Yahoo نىڭ تەخمىنەن 30 مىليون ئىشلەتكۈچىسى بار ئىدى، ئەمما توردىن ئىزدەش جەھەتتە Inktomi شىركىتىنىڭ تېخنىكىسىنى ئىجارە ئالغان، Inktomi شىركىتى ئىنتېرنېت شۇنداقلا كارخانا ئىچكى تورىغا يۈزلەنگەن ئاساسلىق ئىزدەش مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى سودىگەر ئىدى.
5
باش-ئايىغى يوق: Google ھېكايىسى


ئامېرىكا


دوگلاس ئىدۋارد



ئۇ نۆۋەتتە دۇنيادا ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىزدەش موتورى! ئۇ ئىنتېرنېتتىكى ئەڭ ئالقىشلىنىدىغان بەش چوڭ تورتۇرانىڭ بىرى!

ئۇ مەشغۇلات ئارايۈزىدە 30 نەچچە خىل تىلنى تاللاشقا تەمىنلىگەن، دۇنيا دائىرىسىدە سانسىزلىغان ئىشلەتكۈچىلىرى بار.

Google—يېڭىلىق، مۇۋەپپەقىيەت شۇنداقلا باش-ئايىغى يوق ئىزدىنىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. «باش ئايىغى يوق: Google ھېكايىسى» Google يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ بىردىنبىر ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بۇ ھېكايىسى، سىزگە ئادەتتىكىدىن تاشقىرى ئوقۇش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

مەزمۇن تونۇشتۇرۇش:

Google نىڭ كارخانا بۇرچى بولغان «يامانلىق قىلماسلىق» قانداق كېلىپ چىققان؟ نېمە ئۈچۈن لاررى بىلەن سېرگېي كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى خەتەرگە تەۋەككۈل مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرنىڭ قوللىشىنى جەلپ قىلالايدۇ؟ توركۆرگۈ قورال بالداق رىقابىتىدە، مىكروسوفت بىلەن Google مەخپىي ھالدا دوئىلغا چۈشتى، ئەڭ ئاخىرى كىم غەلىبە قىلدى؟ ئەينى چاغدا مىكروسوفت شىركىتى «يا سىلەرنى سېتىۋالىمىز، يا سىلەرنى يوقىتىۋېتىمىز!» دەپ جاكارلىغاندا، Google قانداق قىلىپ قۇتۇلۇپ قالغان؟

بۇ بىر ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەڭ تەپسىلىي، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ ھەقىقىي خاتىرىلىگەن كىتاب.

بۇ كىتابتا، يازغۇچى لاررى پەيجنى ئىنتايىن كۈچلۈك دەپ تىلغا ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى دۇنيانىڭ ئەمدى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىقىغا ياردەم قىلىدۇ. لاررى زۆرۈرىيىتى بولمىغان بارلىق چىقىملارنى قىسقارتىشقا ئامراق، بىراق تەننەرخ تىزگىنلەش جەھەتتە، ئەقىل-پاراسىتىنى ئىسراپ قىلماي ئېغىشماي ۋايىغا يەتكۈزگىنى يەنىلا سېرگېي. ئىتالىيە مىلاندا، ئۇ 50 دوللار تېجەش ئۈچۈن، تاكسىغا ئولتۇرۇشنى خالىمىغان.

Google نىڭ يىراقتىكى نىشانى ھەر بىرىمىزنى كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدۇرىدۇ. كەلگۈسىدە، Google زور كۆلەمدىكى رەقەملىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان شىركەتتىن بىرنى قۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلە مىليونلىغان تور ئەھلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ Google يەنە ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن مەنزىرىسىنى قايتا تىكلەيدۇ، تېببىي ساھەدە بۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى تىل توسالغۇسىنى يوق قىلىدۇ؛ Google دۇنيا خاراكتېرلىك نادانلىق ۋە قالايمىقانچىلىققا ۋاقىتلىق تەدبىر تەمىنلىمەستىن بەلكى دۇنيا رەقەملىك سىستېمىسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان قاتمۇ-قات توسالغۇلارنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، لازىم بولغان ئۇچۇرغا ھېچقانداق كۈچىمەيلا ئېرىشتۈرىدۇ؛ ئانچە يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، Google شىركىتى خۇددى ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكتىرون شىركىتىگە ئوخشاش غايەت زور ئۇچۇر بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئايلىنىپ، ئۇچۇر كەسپىدىكى ھەممىباب ئېلېكتىرونىغا ئايلىنىدۇ.



يازغۇچىنى تونۇشتۇرۇش:

دوگلاس ئىدۋارد

1999-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە Google شىركىتىنىڭ ئىستېمالچىلار بازار بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى ۋە مەھسۇلات باشلىقى بولۇپ، شىركەتكە ۋاكالىتەن ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ئۇ Google غا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئىدۋارد «سان جوس مىركۇرىي خەۋەرلىرى» نىڭ توردىكى ماركا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، گېزىتخانىغا ۋاكالىتەن يېڭى سېبىرىيە شەھىرىنىڭ بازار ئاممىۋى ئېلان پىروگراممىسىغا مەسئۇل ئىدى.

مۇندەرىجە:

مۇقەددىمە

Google دا مەن ئىنتايىن تەلەيلىك

Google قانداق يۈرۈشىدۇ

قۇرۇق گەپ قىلماي، ئەمەلىي ئىش قىلىش

بىرىنچى بۆلۈم

سىز ئىچىمىزدىكى بىر ئەزا

بىرىنچى باب مەن نېمە ئۈچۈن Google غا بارىمەن

كىرىمنىي جىلغىسى ئوت يالقۇنى

تۇنجى Google زىيارىتى

قىيىن مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ، بېلىق يېيىش

ئىشقا چىققان تۇنجى كۈن

ئىككىنچى باب تۇنجى قەدەم

«99 سىم ئۇلاش بايرىمى»

بازار بۆلۈمى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىل

پاكىزلىقنى ساقلاش

سانلىق مەلۇماتنى بىلگىلى بولماسلىق نەزىرىيەچىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى

«سىزنى قوبۇل قىلىمىز»

ئۈچىنچى باب قائىدىسى يوق دۇنيا

سەۋەبنى تېپىپ، قايسىسىنى تاللايدۇ؟

چىقىپ كېتىش

تۆتىنچى باب بازارچىلىق يوق بازارچىلىق

ئۇنداقتا، پىلانچۇ؟

بىردىنبىر غەلبە قىلىش يولى

باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش

بەشىنچى باب جەرياننىڭ ھەممىسى بولۇشى كېرەك

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ قوشۇن قۇرۇش

ئالتىنچى باب ھەقىقىي سىڭىپ كىرىش

Google قانداقلارچە ئېلان بىلەن شۇغۇللانغان

ھەقىقىي ئەخلاق مۈشكۈلاتى

G.O.D نىڭ 9 مىليارد ئىسمى

يۈزلىگەن بايراقلار لەپىلدىسۇن

يەتتىنچى باب ساغلام بىخەتەر بولماسلىق تۇيغۇسى

قانائەت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەش

پاكىزلىقنى ساقلاش

تۇرمۇشتىكى بىر كۈن

بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ ئىجاد قىلىش

ھەممىگە ماھىر چارلى، ئامىتىڭ كەلسۇن

سەككىزىنچى باب چاقچاق قىلغىلى بولمايدىغان پەسكەش

سەن ماڭا چاقچاق قىلىۋاتقانسەن؟

ئەسەبىيلىكتىن ئادىشىش

ئۆتە ھەقسىز

قەرەللىك ھوقۇق كىمياگەرلىكى

مەغلۇبىيەت

توققۇزىنچى باب تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش

خاتا نېمە ئۈچۈن توغرا

ياخشى دېگەننىڭ ئۆزى يېتەرلىك ياخشى بولغىنى

ئىشنى ياخشى قىلىش زۆرۈر

نېمە؟ مەن ئەنسىرەمدىم؟

ئونىنچى باب شەھۋانىيلىقنى سۈزگۈچى

كىم ئۇتىدۇ تېخى ئېنىق ئەمەس

لاررى بىلەن سېرگېينىڭ رولى

Google پاراڭلىرى

مەڭگۈ «نېمە ئۈچۈن» دەپ سورايدۇ

شۇنداق، مەن قارشى

شەھۋانىي فىلىمنىڭ ئېزىقتۇرۇشى

رەي سىدنېيچە ئۇسلۇب



ئىككىنچى بۆلۈم Google نىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىشى

ئون بىرىنچى باب ئۇچۇش

نەدە چاتاق چىقتى؟

ئۇ ئادەم كەلدى

ئاخىرقى قۇرۇت

1 مىلياردلىق نىشان

يۈگرەشتىن ئىلگىرى ئۆمىلەش

ئارتىكىل «the» نىڭ ئاخىرلىشىشى

Yahoo بىلەن قۇدىلىشىش

ياخشى شېرىك، قىيناش

كەلكۈننىڭ باشلىنىشى

كىرىمنىي جىلغىسىدىكىلەر بىر ئائىلە

ئون ئىككىنچى باب خۇشاللىق ۋە ئىسىم

دېمەكچى بولغىنىڭىزنى سۆزلەڭ

توردىكى ئېلان ساھەسىدىكى تۇنجى جەمەت

چوڭ راك ۋە شەھۋانىيلىقنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى

خاتالىقىمىزنى زاڭلىق قىلىش

ئون ئۈچىنچى باب ئۆزگىچە «يانى يانى»

مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ

ئون تۆتىنچى باب Google بومبا ۋە تورخەت كاشىلىسى

پوچتالىيون ئەپەندى، سەل كۈتۈپ تۇرۇڭ

تورخەت ئىلھامى

ئون بەشىنچى باب ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇۋاتقان باشقۇرغۇچى

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خۇش خەۋەر

باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى؟  ھازىر پاي چېكىنى بازارغا سېلىش؟

قولدىن كەتكەن باشقۇرۇش

ئون ئالتىنچى باب نىيۇيورك ھاياتمۇ؟

ئۈچىنچى بۆلۈم بىزنىڭ ئورنىمىز

ئون يەتتىنچى باب ھەممەيلەن بىردەك

مۇندەرىجە مەسىلىسى

ئۈزلۈكسىز يېڭى مەھسۇلات چىقىرىش

ئون سەككىزىنچى باب تورخەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىلتىجا قىلىش

تەرجىمە مۇۋەپپەقىيتى ۋە سەھۋەنلىك

ھازىر چېكىلىش سانىغا ئاساسەن ھەق يىغىشقا بولامدۇ؟

ئون توققۇزىنچى باب يېڭى كومپيۇتېر

دۈشمەنلەر دوستلىرىمىزنى بۇلاپ كەتتى

ئەمەلىيەت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن

ئاكتىپ نەتىجە

ئويۇن ئۆزگەردى

چوڭ بول، قوزام، چوڭ بول

يىگىرمىنچى باب ئورنىمىز نەدە

نەشر ھوقۇقى جېڭى

يىگىرمە بىرىنچى باب ياخشىمۇسىز، ئامېرىكا لىنىيەسى

بىز توختىماي ئالغا باستۇق، ئەمما ئەگرى يولنىمۇ ماڭدۇق

ئو! Yahoo!

يىگىرمە ئىككىنچى باب بىر مىليارد دوللارلىق يەنە بىر يېڭىلىق يارىتىش

پاراڭلىشىشقا رايى يوق

يىگىرمە ئۈچىنچى باب Froogle سۈركىلىشلىرى

ئىسىم ماجىراسى

يىگىرمە تۆتىنچى باب بازارچىلىقنى ئىتتىرىپ ماڭمايلى

گۈزەل دەقىقىلەر دولقۇنلاپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

ئەجەبا بىز تىنچلىقتا بىللە تۇرالماسمىزمۇ؟

مىكروسوفت ئويغاندى

ئىنژېنېر قوبۇل قىلىدىغان يېڭى ئىدىيە

يىگىرمە بەشىنچى باب خاتالىق ئۆتكۈزۈش

ئىجتىمائىي ئالاقىدە چولتا تور

تورخەت يامان خەۋەر ئېلىپ كەلدى

تۆتىنچى بۆلۈم مەن ئىنتايىن تەلەيلىك

يىگىرمە ئالتىنچى باب مەن ئىنتايىن تەلەيلىك

سىلەرنى تۇنجى بولۇپ بىلسۇن دەپ ئويلىدىم

قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش

خاتىمە
6
ھازىر مۇنبەرنىڭ تەرجىمىسى %26 تاماملاندى. ئەگەر تەرجىمە ئىشلىرىغا ياردەمدە بولۇشنى خالايدىغانلار بولسا تەرجىمە سېپىمىزگە قوشۇۋالىمىز. تەرجىمە ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىز.
ئۇيغۇرچە SMF تەرجىمە قۇرۇلۇشى بېتى

تەرجىمە سېپىمىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلار مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرسا ياكى مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ.
7
ئۆي قانداق ۋاقىتتا مۈلۈككە ئايلىنىدۇ

بىرىنچى، ئىجارىگە بېرىلىپ، ئايلىق ئىجارىسى چىقىمدىن ئاشقاندا.
ئىككىنچى، ئۆينىڭ قىممىتى ئېشىپ، سېتىۋەتكەندىن كېيىن ئېرىشكەن پۇلنىڭ ئەسلىدە ئۆي سېتىۋالغاندىكى تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى پەرقى.
ئۈچىنچى، ئۆينى رەنىگە قويۇپ، مەبلەغ سېلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقاندا.

بۇ قانداق گەپ ئەمدى، زادى بىزدىكى قانداق نەرسىلەر بىزنىڭ مۈلكىمىز؟


 پۇل تاپالىسا مۈلۈك، پۇل سەرپ قىلسا قەرز


ئىنسانلارنىڭ بىردىنبىر مۈلكى مېڭە يەنى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى


دەپتۇلەر بىر لېكسىيەدە.
8
بىلىك كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەن ئەزالارغا بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، يېقىندىن كۈنلەردە SMF مۇنبەر سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە قوشۇش ھەققىدە ئىلتىماس يوللىغان ئىدۇق، ئۇلار ئۇيغۇرچە قوشۇشقا قوشۇلدى. ھەمدە SMF مۇنبەرنىڭ ئىگە تەرەپتىن قوللايدىغان تەرجىمە سۇپىسىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى تۇرغۇزۇلدى.
تەرجىمىسى ئاساسەن پۈتكەن بىر قانچە ھۆججەتنى يۈكلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرجىمىسى %14 تاماملاندى.

🡱 🡳
Powered by EzPortal