يازمىلىرى

This section allows you to view all posts made by this member. Note that you can only see posts made in areas you currently have access to.

تېمىلىرى - Sahran

1


 سالام كۆپچىلىك ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇر تىلى ھەر خىل خىرىسلارغا دۇچار بولۇپ ئىستېمال قىلىنىشى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇنى ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلمىسىمۇ بۇ بىر ئاچچىق ھەقىقەت.
 تىلىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ شارائىتى يار بەرگەن دائىرىدە تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ئۇيغۇر تىلىنى كېيىنكى يېڭى بىر ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. بىراق بىز قىلىۋاتقان ئىشلار تولىمۇ يېتەرسىز.
 
ھازىرقىدەك رەقەملىك دۇنيادا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇر تىلىنى تونۇتۇش پەرزەنتىمىزنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقىرىش بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك.

خەۋىرىڭلار بولغىنىدەك يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە سۈننىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدا كۆپ يۈكسىلىشلەر بولدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ مىللەتلەرنىڭ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تىلى ئەقلىي يانفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە كۆپلەپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى دۇنيا دەرىجىلىك چوڭ كارخانىلارنىڭ بۇ تىللاردىكى بازارنى نىشانلاپ ھەر خىل ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرگە بۇ تىللارنى قوشقانلىقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل تىپتىكى چوڭ كارخانىلار ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكىسى ئۈچۈن مۇھىم بولغان غايەت زور ھەجىمدىكى ئاۋاز ئامبىرىغا ئىگە بولغانلىقىدۇر.

 ئۇنداقتا بىز ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇشتا ئىمكانسىزمۇ دېگەندە ئۇنداقمۇ ئەمەس. ئەگەر يېتەرلىك ئاۋاز ئۇچۇرى بولسا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن، بىراق بۇ خىل تىپتىكى غايەت زور ئاۋاز ئامبىرىغا دۇنيا دەرىجىلىك ۋە دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ كارخانىلار ئىگە بولۇۋالغان بولۇپ، ئادەتتىكى يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ بۇ خىل تىپتىكى ئاۋاز ئامبىرىغا ئىگە بولالماسلىقى تىلىمىزنى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرگە تونۇتۇش ئېئلىپ بېرىشقا بولغان بىر چوڭ توسالغۇ. ئەگەر بۇ توسالغۇنى ھەل قىلالىساق ئۆز مىللىتىمىزدىكى ۋە باشقا تىلدىكى يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرىنى ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇشنى يېتەرلىك ئىمكانىغا ئىگە قىلغان بولىمىز. Mozilla نىڭ ئوچۇق مەنبەلىك ئاۋاز ئامبىرى ياساش قورالى بولغان Common Voice بىزنى بۇ خىل ئىمكانىغا ئىگە قىلىدىغان تۈرنىڭ بىرى دەپ ئويلاشقا تامامەن بولىدۇ.

تۆۋەندىكىسى بولسا Mozilla نىڭ Common Voice تۈرى توغرىسىدا Common Voice تۈرىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن چۈشەنچىسى:

Common Voice دېگەن Mozilla نىڭ كىشىلەرنىڭ قانداق سۆزلەيدىغانلىقىنى ماشىنىلارغا ئۆگىتىشنى نىشان قىلغان تۈرى. ئاۋاز دېمەك تەبىئىيلىك، ئاۋاز دېمەك ئىنسانلىق. شۇڭلاشقا بىز ماشىنىلار ئۈچۈن ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە ئاۋاز تېخنىكىسىنى يارىتىشقا بەل باغلىدۇق. ئەمما ئاۋاز سىستېمىسى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىجادكارلار ئىنتايىن كۆپ ئاۋاز مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق. كۆپ ساندىكى كىشىلەر چوڭ شىركەتلەر ئىشلىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ يېڭىلىق يارىتىشنى بوغۇپ قويىدۇ. شۇڭا بىز Common Voice تۈرىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكىسىغا ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولماقچى. ھازىر ئاۋازىڭىزنى ئىئانە قىلسىڭىز، ئوچۇق كودلۇق ئاۋاز ئامبىرى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن بولىسىز، ھەرقانداق ئادەم ئۇنى ئىشلىتىپ ئۈسكۈنە ۋە توردا يېڭىلىققا تولغان ئەپلەرنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدۇ. بىر جۈملە ئوقۇپ ماشىنىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ قانداق سۆزلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭ. باشقا تۆھپىكارلارنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈڭ. مۇشۇنداق ئاددىي!
========================================================

Common Voice توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ بېرىلگەن چۈشەنچىلەرنى كۆرۈپ چىقىڭ.

https://commonvoice.mozilla.org/ug

ئەگەر تۆھپە قوشۇشنى خالىسىڭىز يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىكى «تۆھپە قوشاي» نى بېسىپ ئاۋازىڭىزنى ئۈنگە ئېلىش ۋە ياكى باشقىلارنىڭ سۆزلىگىنى بىلەن تېكىستنىڭ بىردەك ياكى ئەمەسلىكىنى دەللەش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.

ئۈستىدىكى ئۇلىنىشتا كۆرگىنىمىزدەك بىز يېقىندا Common Voice نى ئۇيغۇرچىغا يەرلىكلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا 5000 جۈملە قوشۇپ تاماملىدۇق، Common Voice تۈرىمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى تۈر سۈپىتىدە قوزغاتتى، قالغىنى پەقەت سىز ۋە بىزنىڭ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئاۋازىمىزنى قوشۇش ياكى قوشۇلغان ئاۋازلارنى دەلىللەش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشتۇر.

بۇ دېگەنلىك 5000 جۈملىنى بىر نەچچە كىشى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بۇ 5000 جۈملە بۇ تۈرگە تۆھپە قوشماقچى بولغان ھەر بىر كىشى ئوقۇشقا تېگىشلىك جۈملە بىراق چوقۇم ئوقۇمىسىڭىز بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئوقۇشقا قۇلايسىز جۈملىلەر بولسا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

ۋىرۇس سەۋەبلىك كۆپىنچە ۋاقىتنى ئۆيدە خىزمەت ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ زېرىكىپ قالغاندا، كۈندە باشقا تىلدا سۆزلەپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى سېغىنىپ قالغاندا، ئۇيغۇر تىلىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشماقچى بولسىڭىز، ئەگەر كەلگۈسىدە ئۈسكۈنىلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى سىزنىڭ ۋە سىزنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئاۋازلارنى تېخىمۇ توغرا تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسۇن دېسىڭىز كۈندە ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇ تۈرگە تۆھپە قوشۇڭ. ھەتتا بالىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئوقۇش تاپشۇرۇقى قىلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە سىنىپلىرىمۇ ئوقۇش تاپشۇرۇقلىرى قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

Common Voice توغرىسىدىكى كۆپ سورالغان مەسىلىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى ئېچىڭ.
https://commonvoice.mozilla.org/ug/faq

ئەگەر سورايدىغان ۋە ياكى ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەر بولسا تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق Common Voice نىڭ ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىڭ.
uyghur.cv@gmail.com

ھۆرمەت بىلەن Common Voice ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى
2
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىڭ

Common Voice دېگەن Mozilla نىڭ كىشىلەرنىڭ قانداق سۆزلەيدىغانلىقىنى ماشىنىلارغا ئۆگىتىشنى نىشان قىلغان تۈرى.
ئاۋاز دېمەك تەبىئىيلىك ، ئاۋاز دېمەك ئىنسانلىق. شۇڭلاشقا بىز ماشىنىلار ئۈچۈن ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە ئاۋاز تېخنىكىسىنى يارىتىشقا بەل باغلىدۇق. ئەمما ئاۋاز سىستېمىسى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىجادكارلار ئىنتايىن كۆپ ئاۋاز مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق.


كۆپ ساندىكى كىشىلەر چوڭ شىركەتلەر ئىشلىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ يېڭىلىق يارىتىشنى بوغۇپ قويىدۇ. شۇڭا بىز Common Voice تۈرىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكىسىغا ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولماقچى.

قېنى ئەمىسە ئاۋازىڭىزنى قويۇۋېتىپ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى جۈملىلەرنى جاراڭلىتىڭ.

ئاۋازىڭىزنى جاراڭلىتىڭ

ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ قولىڭىزدىكى تېلېفوندا ئۇيغۇر تىلىنى ئۈنگە ئېلىڭ. سىزنىڭ ئاۋازىڭىز كەلگۈسىدە كومپيۇتېر، تېلېفونلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ.


3
باش-ئايىغى يوق: Google ھېكايىسى


ئامېرىكا


دوگلاس ئىدۋارد



ئۇ نۆۋەتتە دۇنيادا ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىزدەش موتورى! ئۇ ئىنتېرنېتتىكى ئەڭ ئالقىشلىنىدىغان بەش چوڭ تورتۇرانىڭ بىرى!

ئۇ مەشغۇلات ئارايۈزىدە 30 نەچچە خىل تىلنى تاللاشقا تەمىنلىگەن، دۇنيا دائىرىسىدە سانسىزلىغان ئىشلەتكۈچىلىرى بار.

Google—يېڭىلىق، مۇۋەپپەقىيەت شۇنداقلا باش-ئايىغى يوق ئىزدىنىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. «باش ئايىغى يوق: Google ھېكايىسى» Google يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ بىردىنبىر ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بۇ ھېكايىسى، سىزگە ئادەتتىكىدىن تاشقىرى ئوقۇش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

مەزمۇن تونۇشتۇرۇش:

Google نىڭ كارخانا بۇرچى بولغان «يامانلىق قىلماسلىق» قانداق كېلىپ چىققان؟ نېمە ئۈچۈن لاررى بىلەن سېرگېي كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى خەتەرگە تەۋەككۈل مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرنىڭ قوللىشىنى جەلپ قىلالايدۇ؟ توركۆرگۈ قورال بالداق رىقابىتىدە، مىكروسوفت بىلەن Google مەخپىي ھالدا دوئىلغا چۈشتى، ئەڭ ئاخىرى كىم غەلىبە قىلدى؟ ئەينى چاغدا مىكروسوفت شىركىتى «يا سىلەرنى سېتىۋالىمىز، يا سىلەرنى يوقىتىۋېتىمىز!» دەپ جاكارلىغاندا، Google قانداق قىلىپ قۇتۇلۇپ قالغان؟

بۇ بىر ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەڭ تەپسىلىي، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ ھەقىقىي خاتىرىلىگەن كىتاب.

بۇ كىتابتا، يازغۇچى لاررى پەيجنى ئىنتايىن كۈچلۈك دەپ تىلغا ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى دۇنيانىڭ ئەمدى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىقىغا ياردەم قىلىدۇ. لاررى زۆرۈرىيىتى بولمىغان بارلىق چىقىملارنى قىسقارتىشقا ئامراق، بىراق تەننەرخ تىزگىنلەش جەھەتتە، ئەقىل-پاراسىتىنى ئىسراپ قىلماي ئېغىشماي ۋايىغا يەتكۈزگىنى يەنىلا سېرگېي. ئىتالىيە مىلاندا، ئۇ 50 دوللار تېجەش ئۈچۈن، تاكسىغا ئولتۇرۇشنى خالىمىغان.

Google نىڭ يىراقتىكى نىشانى ھەر بىرىمىزنى كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدۇرىدۇ. كەلگۈسىدە، Google زور كۆلەمدىكى رەقەملىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان شىركەتتىن بىرنى قۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلە مىليونلىغان تور ئەھلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ Google يەنە ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن مەنزىرىسىنى قايتا تىكلەيدۇ، تېببىي ساھەدە بۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى تىل توسالغۇسىنى يوق قىلىدۇ؛ Google دۇنيا خاراكتېرلىك نادانلىق ۋە قالايمىقانچىلىققا ۋاقىتلىق تەدبىر تەمىنلىمەستىن بەلكى دۇنيا رەقەملىك سىستېمىسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان قاتمۇ-قات توسالغۇلارنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، لازىم بولغان ئۇچۇرغا ھېچقانداق كۈچىمەيلا ئېرىشتۈرىدۇ؛ ئانچە يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، Google شىركىتى خۇددى ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكتىرون شىركىتىگە ئوخشاش غايەت زور ئۇچۇر بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئايلىنىپ، ئۇچۇر كەسپىدىكى ھەممىباب ئېلېكتىرونىغا ئايلىنىدۇ.



يازغۇچىنى تونۇشتۇرۇش:

دوگلاس ئىدۋارد

1999-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە Google شىركىتىنىڭ ئىستېمالچىلار بازار بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى ۋە مەھسۇلات باشلىقى بولۇپ، شىركەتكە ۋاكالىتەن ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ئۇ Google غا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئىدۋارد «سان جوس مىركۇرىي خەۋەرلىرى» نىڭ توردىكى ماركا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، گېزىتخانىغا ۋاكالىتەن يېڭى سېبىرىيە شەھىرىنىڭ بازار ئاممىۋى ئېلان پىروگراممىسىغا مەسئۇل ئىدى.

مۇندەرىجە:

مۇقەددىمە

Google دا مەن ئىنتايىن تەلەيلىك

Google قانداق يۈرۈشىدۇ

قۇرۇق گەپ قىلماي، ئەمەلىي ئىش قىلىش

بىرىنچى بۆلۈم

سىز ئىچىمىزدىكى بىر ئەزا

بىرىنچى باب مەن نېمە ئۈچۈن Google غا بارىمەن

كىرىمنىي جىلغىسى ئوت يالقۇنى

تۇنجى Google زىيارىتى

قىيىن مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ، بېلىق يېيىش

ئىشقا چىققان تۇنجى كۈن

ئىككىنچى باب تۇنجى قەدەم

«99 سىم ئۇلاش بايرىمى»

بازار بۆلۈمى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىل

پاكىزلىقنى ساقلاش

سانلىق مەلۇماتنى بىلگىلى بولماسلىق نەزىرىيەچىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى

«سىزنى قوبۇل قىلىمىز»

ئۈچىنچى باب قائىدىسى يوق دۇنيا

سەۋەبنى تېپىپ، قايسىسىنى تاللايدۇ؟

چىقىپ كېتىش

تۆتىنچى باب بازارچىلىق يوق بازارچىلىق

ئۇنداقتا، پىلانچۇ؟

بىردىنبىر غەلبە قىلىش يولى

باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش

بەشىنچى باب جەرياننىڭ ھەممىسى بولۇشى كېرەك

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ قوشۇن قۇرۇش

ئالتىنچى باب ھەقىقىي سىڭىپ كىرىش

Google قانداقلارچە ئېلان بىلەن شۇغۇللانغان

ھەقىقىي ئەخلاق مۈشكۈلاتى

G.O.D نىڭ 9 مىليارد ئىسمى

يۈزلىگەن بايراقلار لەپىلدىسۇن

يەتتىنچى باب ساغلام بىخەتەر بولماسلىق تۇيغۇسى

قانائەت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەش

پاكىزلىقنى ساقلاش

تۇرمۇشتىكى بىر كۈن

بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ ئىجاد قىلىش

ھەممىگە ماھىر چارلى، ئامىتىڭ كەلسۇن

سەككىزىنچى باب چاقچاق قىلغىلى بولمايدىغان پەسكەش

سەن ماڭا چاقچاق قىلىۋاتقانسەن؟

ئەسەبىيلىكتىن ئادىشىش

ئۆتە ھەقسىز

قەرەللىك ھوقۇق كىمياگەرلىكى

مەغلۇبىيەت

توققۇزىنچى باب تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش

خاتا نېمە ئۈچۈن توغرا

ياخشى دېگەننىڭ ئۆزى يېتەرلىك ياخشى بولغىنى

ئىشنى ياخشى قىلىش زۆرۈر

نېمە؟ مەن ئەنسىرەمدىم؟

ئونىنچى باب شەھۋانىيلىقنى سۈزگۈچى

كىم ئۇتىدۇ تېخى ئېنىق ئەمەس

لاررى بىلەن سېرگېينىڭ رولى

Google پاراڭلىرى

مەڭگۈ «نېمە ئۈچۈن» دەپ سورايدۇ

شۇنداق، مەن قارشى

شەھۋانىي فىلىمنىڭ ئېزىقتۇرۇشى

رەي سىدنېيچە ئۇسلۇب



ئىككىنچى بۆلۈم Google نىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىشى

ئون بىرىنچى باب ئۇچۇش

نەدە چاتاق چىقتى؟

ئۇ ئادەم كەلدى

ئاخىرقى قۇرۇت

1 مىلياردلىق نىشان

يۈگرەشتىن ئىلگىرى ئۆمىلەش

ئارتىكىل «the» نىڭ ئاخىرلىشىشى

Yahoo بىلەن قۇدىلىشىش

ياخشى شېرىك، قىيناش

كەلكۈننىڭ باشلىنىشى

كىرىمنىي جىلغىسىدىكىلەر بىر ئائىلە

ئون ئىككىنچى باب خۇشاللىق ۋە ئىسىم

دېمەكچى بولغىنىڭىزنى سۆزلەڭ

توردىكى ئېلان ساھەسىدىكى تۇنجى جەمەت

چوڭ راك ۋە شەھۋانىيلىقنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى

خاتالىقىمىزنى زاڭلىق قىلىش

ئون ئۈچىنچى باب ئۆزگىچە «يانى يانى»

مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ

ئون تۆتىنچى باب Google بومبا ۋە تورخەت كاشىلىسى

پوچتالىيون ئەپەندى، سەل كۈتۈپ تۇرۇڭ

تورخەت ئىلھامى

ئون بەشىنچى باب ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇۋاتقان باشقۇرغۇچى

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خۇش خەۋەر

باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى؟  ھازىر پاي چېكىنى بازارغا سېلىش؟

قولدىن كەتكەن باشقۇرۇش

ئون ئالتىنچى باب نىيۇيورك ھاياتمۇ؟

ئۈچىنچى بۆلۈم بىزنىڭ ئورنىمىز

ئون يەتتىنچى باب ھەممەيلەن بىردەك

مۇندەرىجە مەسىلىسى

ئۈزلۈكسىز يېڭى مەھسۇلات چىقىرىش

ئون سەككىزىنچى باب تورخەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىلتىجا قىلىش

تەرجىمە مۇۋەپپەقىيتى ۋە سەھۋەنلىك

ھازىر چېكىلىش سانىغا ئاساسەن ھەق يىغىشقا بولامدۇ؟

ئون توققۇزىنچى باب يېڭى كومپيۇتېر

دۈشمەنلەر دوستلىرىمىزنى بۇلاپ كەتتى

ئەمەلىيەت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن

ئاكتىپ نەتىجە

ئويۇن ئۆزگەردى

چوڭ بول، قوزام، چوڭ بول

يىگىرمىنچى باب ئورنىمىز نەدە

نەشر ھوقۇقى جېڭى

يىگىرمە بىرىنچى باب ياخشىمۇسىز، ئامېرىكا لىنىيەسى

بىز توختىماي ئالغا باستۇق، ئەمما ئەگرى يولنىمۇ ماڭدۇق

ئو! Yahoo!

يىگىرمە ئىككىنچى باب بىر مىليارد دوللارلىق يەنە بىر يېڭىلىق يارىتىش

پاراڭلىشىشقا رايى يوق

يىگىرمە ئۈچىنچى باب Froogle سۈركىلىشلىرى

ئىسىم ماجىراسى

يىگىرمە تۆتىنچى باب بازارچىلىقنى ئىتتىرىپ ماڭمايلى

گۈزەل دەقىقىلەر دولقۇنلاپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

ئەجەبا بىز تىنچلىقتا بىللە تۇرالماسمىزمۇ؟

مىكروسوفت ئويغاندى

ئىنژېنېر قوبۇل قىلىدىغان يېڭى ئىدىيە

يىگىرمە بەشىنچى باب خاتالىق ئۆتكۈزۈش

ئىجتىمائىي ئالاقىدە چولتا تور

تورخەت يامان خەۋەر ئېلىپ كەلدى

تۆتىنچى بۆلۈم مەن ئىنتايىن تەلەيلىك

يىگىرمە ئالتىنچى باب مەن ئىنتايىن تەلەيلىك

سىلەرنى تۇنجى بولۇپ بىلسۇن دەپ ئويلىدىم

قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش

خاتىمە
4
ئۆي قانداق ۋاقىتتا مۈلۈككە ئايلىنىدۇ

بىرىنچى، ئىجارىگە بېرىلىپ، ئايلىق ئىجارىسى چىقىمدىن ئاشقاندا.
ئىككىنچى، ئۆينىڭ قىممىتى ئېشىپ، سېتىۋەتكەندىن كېيىن ئېرىشكەن پۇلنىڭ ئەسلىدە ئۆي سېتىۋالغاندىكى تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى پەرقى.
ئۈچىنچى، ئۆينى رەنىگە قويۇپ، مەبلەغ سېلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقاندا.

بۇ قانداق گەپ ئەمدى، زادى بىزدىكى قانداق نەرسىلەر بىزنىڭ مۈلكىمىز؟


 پۇل تاپالىسا مۈلۈك، پۇل سەرپ قىلسا قەرز


ئىنسانلارنىڭ بىردىنبىر مۈلكى مېڭە يەنى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى


دەپتۇلەر بىر لېكسىيەدە.
5
بىلىك كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەن ئەزالارغا بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، يېقىندىن كۈنلەردە SMF مۇنبەر سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە قوشۇش ھەققىدە ئىلتىماس يوللىغان ئىدۇق، ئۇلار ئۇيغۇرچە قوشۇشقا قوشۇلدى. ھەمدە SMF مۇنبەرنىڭ ئىگە تەرەپتىن قوللايدىغان تەرجىمە سۇپىسىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى تۇرغۇزۇلدى.
تەرجىمىسى ئاساسەن پۈتكەن بىر قانچە ھۆججەتنى يۈكلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرجىمىسى %14 تاماملاندى.

🡱 🡳
Powered by EzPortal