linux دىكى بەزى ماڭا پايدىسى تەگكەن بۇيرۇق كودلار

يوللىغۇچى: 7pakinek, (UTC+3) 14:54, 2021-04-12

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

0 ئەزا ۋە 1 زىيارەتچى لار مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتىدۇ.

7pakinek

لىنىكس linux تور بوشلۇقىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، ئۆزۈم يىغىپ قويغان ، ماڭا پايدىسى تەگكەن بەزى بۇيرۇقلارنى بۇ يەرگە يېزىپ قوياي. ئۆزۈم پروگراممىر ئەمەس، شۇ ئۇ يەردىن، بۇ يەردىن ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمنى چاپلاپ قويدۇم خالاس.


1. باشقا تور بوشلۇقتىن ھۈججەت سۆرەپ كۆچۈرۈپ ئېلىپ كىرىش
wget http://www.dohturlar.com/XXX.zip

مىسال: بۇ ئارقىلىق، دوختۇرلار تور بېكىتىنىڭ xxx.zip دىگەن ھۈججەتنى سىزنىڭ  linux بوشلۇقىڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئورنىڭىزغا سۆرەپ كۆچۈرۈپ ئېلىپ كىرەلەيسىز.



2. tar شەكىلدە پىرىسلىغان ھۈججەتنى يېشىش
XXX.tar -xzvf

بۇ ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى بوشلۇقىڭىزدىكى xxx.tar ئىسىملىك ھۈججەتنى يىشەلەيسىز.


3. ئۈستىدىكى مۇندەرىجىگە قايتىش
cd ..

كېيىن  يەنە قوشۇپ ماڭىمەن. پروگراممىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ئاسان 1گە 1 نى قوش 2 دىگەندەك مەزمون ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. پەقەت بىلمىگەنلەر ئۈچۈن يېزىپ قويۇشۇم.

ئۇچقۇن

2.بۇيرۇقتا بۇيرۇق پېئىلى چۈشۈپ قالغاندەك قىلىدۇ. توغرىسى مۇنداق بولىشى كېرەك:
tar -xvzf xxx.tar

ئەگەر يۇقۇرقى تار ھۆججىتى پىرىسلانمىغان ھۆججەت بولسا -z پارامېتىرىمۇ ئارتۇقچە، پەقەت تۆۋەندىكىدەك يازساق كۇپايە:
tar -xvf xxx.tar
قېلىچىڭ قىسقا بولسا، ئالدىڭغا بىر قەدەم چامدا!

7pakinek

نۆۋەتتىكى مۇندەرىجە ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى كۆرۈش بۇيرۇقى

ls


نۆۋەتتىكى مۇندەرىجە ئىچىدىكى test  ئىسىملىك ھۆججەت خالتىسى ئىچىگە كىرىش بۇيرۇقى

cd test


نۆۋەتتىكى مۇندەرىجە ئىچىدىكى  bc.tar.gz ئىسىملىق ھۆججەتنى test ئىسىملىق ھۆججەت خالتىسى ئىچىگە يۆتكەش بۇيرۇقى.

mv abc.tar.gz test/


نۆۋەتتىكى مۇندەرىجە ئىچىدىكى  x277.jpg دىگەن خەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى.

rm -rI  *x277.jpg


نۆۋەتتىكى مۇندەرىجە ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەت خالتىسى ۋە بالا ھۆججەت خالتىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى كۆرۈش بۇيرۇقى.

du -h .

🡱 🡳
Powered by EzPortal