jQuery ئارقىلىق سىن ھۆججىتىدىن كەسمە رەسىم ھاسىل قىلىش (كود تەمىنلەندى)

يوللىغۇچى: uyghurbeg, (UTC+3) 03:10, 2021-04-28

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

0 ئەزا ۋە 1 زىيارەتچى لار مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتىدۇ.

uyghurbeg

خىزمەت جەريانىدا، مۇلازىمىتىرغا يۈكلەنگەن ياكى بوشلۇققا قۇيۇلغان سىن ھۆججىتىدىن كەسمە رەسىم(thumbnail) ھاسىل قىلىدىغان بىر تەلەپنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يازغان كودىمنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن مەزكۇر يازمىنى ئاچتىم. نورمالدا، مۇلازىمىتىردىكى سىنلاردىن كەسمە رەسىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئارقا تەرەپتە مەشخۇلاتلارنى قىلىشقا مەجبۇرمىز، ئەمما،  jQuery بىلەن canvas ئارقىلىقمۇ بۇنى تېز ۋە قولاي ئۇسۇلدا ھەل قىلالايمىز.

 خوش، بىۋاستىلا ئىش باشلاپ كېتىلى. ئاۋۋال قېلىچقا...ۋوي كودغا قارا!

function createPoster($video) {
  // يۇقارقى پارامېتىردىكى     $video بولسا سىن ھۆججىتى ئېلىمىنتى 
//بۇ سىندىن كەسمە سۈرەت تۇتىدىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ
        $video.currentTime = 5;
        var canvas = document.createElement("canvas");
 //كەسمە رەسىم پارامېتىرلىرى
        canvas.width = 350;
        canvas.height = 200;
        canvas.getContext("2d").drawImage($video, 0, 0, canvas.width, canvas.height);
        return canvas.toDataURL("image/jpeg");;
    }
     // ئەمدى يۇقارقى فۇنكسىيە ئارقىلىق، مەلۇم بىر HTML ئېلىمىنتىغا ھاسىل قىلىنغان رەسىمنى ئىشلىتەيلى، مەسىلەن تۆۋەندىكىسى مەلۇم بىر سىن ئېلىمىنتىنىڭ poster  خاسلىقىغا ھاسىل قىلىنغان رەسىمنىڭ ئادرېسىنى تەمىنلەيدۇ
   $video.setAttribute("poster", createPoster($video));

يۇقارقى كودنىڭ پىرىنسىپى، توربېكەت يۈكلەنگەندە، تور كۆرگۈچ سىننىڭ 5-سىكۇنتلىق يېرىنى قۇيۇش ھالىتىدە كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئاندىن بىز canvas ئارقىلىق شۇ ھالەتتىن بىر رەسىم سىزىۋالىمىز ئاندىن ئۇنى رەسىم ھالەتتە ساقلاپ، بىر تور ئۇلانمىسى ھاسىل قىلىمىز، فۇنكىسىيە شۇ تور ئۇلانمىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ئاندىن بىز لازىملىق يەردە فۇنكىسىيەنى ئىشلىتىپ مۇناسىۋەتلىك سىندىن بىر رەسىم ھاسىل قىلىپ ئىشلىتىمىز.

🡱 🡳
Powered by EzPortal