بىلىك كۇلۇبى

ھەرخىل تېخنىكىلار => ئۇيغۇرچىغا ئائىت تېخنىكىلار => Topic started by: Sahran on (UTC+3) 08:50, 2021-04-13

Title: يېڭىلىق: SMF مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى باشلاندى
Post by: Sahran on (UTC+3) 08:50, 2021-04-13
بىلىك كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەن ئەزالارغا بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، يېقىندىن كۈنلەردە SMF مۇنبەر سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە قوشۇش ھەققىدە ئىلتىماس يوللىغان ئىدۇق، ئۇلار ئۇيغۇرچە قوشۇشقا قوشۇلدى. ھەمدە SMF مۇنبەرنىڭ ئىگە تەرەپتىن قوللايدىغان تەرجىمە سۇپىسىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى تۇرغۇزۇلدى.
تەرجىمىسى ئاساسەن پۈتكەن بىر قانچە ھۆججەتنى يۈكلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرجىمىسى %14 تاماملاندى.

Title: تېما: يېڭىلىق: SMF مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى باشلاندى
Post by: murat on (UTC+3) 09:07, 2021-04-13
ماشائاللاھ! مۇبارەك بولسۇن. مۇنبەر پروگراممىسىغا ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن فونتلارنى تەڭشەش دېگەندەك ئىشلارنىمۇ مۇنبەردە تونۇشتۇرساق ياخشى بولغۇدەك. ئاللاھ ئەمگىكىڭلاردىن رازى بولسۇن!
Title: تېما: يېڭىلىق: SMF مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى باشلاندى
Post by: mirzat on (UTC+3) 18:24, 2021-04-13
مۇبارەك بولسۇن.
Title: تېما: يېڭىلىق: SMF مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى باشلاندى
Post by: Bilgar on (UTC+3) 20:31, 2021-04-13
ماشائاللاھ، مۇبارەك زامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى مۇبارەك ئىشتىن بىرسى روياپقا چىقىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن.
ئىنشائاللاھ  يېقىن كەلگۈسىدە مۇنبەردىكى بالىلاردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللىنىپ ئىنتېرنىت دۇنياسىدىكى تەرجىمە ئەترىتى بولغۇسى
Title: تېما: يېڭىلىق: SMF مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى باشلاندى
Post by: uyghurbeg on (UTC+3) 20:35, 2021-04-13
كاتتا ئىش بولۇپتۇ، ھەممىدىن بايرىقىمىز كۆزۈمگە ئىللىق كۆرۈنۈپ كەتتى  ;D
Title: تېما: يېڭىلىق: SMF مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى باشلاندى
Post by: admin on (UTC+3) 00:32, 2021-04-14
:)  :)  :)  :)  :)  :)
Title: تېما: يېڭىلىق: SMF مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى باشلاندى
Post by: Sahran on (UTC+3) 02:19, 2021-04-27
ھازىر مۇنبەرنىڭ تەرجىمىسى %26 تاماملاندى. ئەگەر تەرجىمە ئىشلىرىغا ياردەمدە بولۇشنى خالايدىغانلار بولسا تەرجىمە سېپىمىزگە قوشۇۋالىمىز. تەرجىمە ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىز.
ئۇيغۇرچە SMF تەرجىمە قۇرۇلۇشى بېتى (https://crowdin.com/project/simple-machines-21-beta)

تەرجىمە سېپىمىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلار مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرسا ياكى مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ.