يېڭىلىق: SMF مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى باشلاندى

يوللىغۇچى: Sahran, (UTC+3) 08:50, 2021-04-13

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

0 ئەزا ۋە 1 زىيارەتچى لار مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتىدۇ.

Sahran

بىلىك كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەن ئەزالارغا بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، يېقىندىن كۈنلەردە SMF مۇنبەر سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە قوشۇش ھەققىدە ئىلتىماس يوللىغان ئىدۇق، ئۇلار ئۇيغۇرچە قوشۇشقا قوشۇلدى. ھەمدە SMF مۇنبەرنىڭ ئىگە تەرەپتىن قوللايدىغان تەرجىمە سۇپىسىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى تۇرغۇزۇلدى.
تەرجىمىسى ئاساسەن پۈتكەن بىر قانچە ھۆججەتنى يۈكلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرجىمىسى %14 تاماملاندى.


murat

ماشائاللاھ! مۇبارەك بولسۇن. مۇنبەر پروگراممىسىغا ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن فونتلارنى تەڭشەش دېگەندەك ئىشلارنىمۇ مۇنبەردە تونۇشتۇرساق ياخشى بولغۇدەك. ئاللاھ ئەمگىكىڭلاردىن رازى بولسۇن!


Bilgar

ماشائاللاھ، مۇبارەك زامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى مۇبارەك ئىشتىن بىرسى روياپقا چىقىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن.
ئىنشائاللاھ  يېقىن كەلگۈسىدە مۇنبەردىكى بالىلاردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللىنىپ ئىنتېرنىت دۇنياسىدىكى تەرجىمە ئەترىتى بولغۇسى

uyghurbeg

كاتتا ئىش بولۇپتۇ، ھەممىدىن بايرىقىمىز كۆزۈمگە ئىللىق كۆرۈنۈپ كەتتى  ;D

admin


Sahran

ھازىر مۇنبەرنىڭ تەرجىمىسى %26 تاماملاندى. ئەگەر تەرجىمە ئىشلىرىغا ياردەمدە بولۇشنى خالايدىغانلار بولسا تەرجىمە سېپىمىزگە قوشۇۋالىمىز. تەرجىمە ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىز.
ئۇيغۇرچە SMF تەرجىمە قۇرۇلۇشى بېتى

تەرجىمە سېپىمىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلار مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرسا ياكى مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ.

🡱 🡳
Powered by EzPortal