رىسالەئى تاماشەتۇل روبوتىك دىنازاۋۇر

يوللىغۇچى: Memtimin, (UTC+3) 21:45, 2021-04-19

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

0 ئەزا ۋە 1 زىيارەتچى لار مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتىدۇ.

Memtimin

رىسالەئى تاماشەتۇل روبوتىك دىنازاۋۇر

ئاپتوماتىك ئوينىلىدىغان دىنوزاۋۇر ئويۇنى

تېلېفونىڭىز ياكى كومپيۇتېرىڭىز تورغا ئۇلانمىغاندا گۇگل Chrome تور كۆرگۈچىدە بىر دىنوزاۋۇر ئويۇنى چىقىدۇ. بۇ ئويۇندا بىر دىنوزاۋۇر بار بولۇپ، ئالدىغا تىكەنلىك كاكتۇس دەرىخى يېقىنلاپ كېلىدۇ، بۇ چاغدا سىز بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا سەكرەپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز نومۇر جۇغلىنىپ ماڭىدۇ. سوقۇلۇپ كەتسىڭىزلا ئۆلسىىز ۋە ئويۇننى يېڭىدىن باشلايدۇ. بىز بۇنى ئاپتوماتىك ئوينىلىپ، مەڭگۈ يېڭىلمەيدىغان قىلىپ ياساپ باقتۇق.

YouTube ئۇلىنىشى:
https://youtu.be/iZVAfGc0Q1A


بۇنىڭ پىرىنسىپى بەكلا ئاددىي بولۇپ، ئاپتوماتىك ئويناش ئۈچۈن ئىككى باسقۇچلۇق جەريان كېرەك:

بىرىنچى باسقۇچ: ئېكراندىكى كاكتۇسنى پەرق ئېتىش كېرەك،
ئىككىنچى باسقۇچتا مۇناسىپ بىر پەيتتە بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى بېسىش كېرەك.
بۇ روبوت مۇشۇ ئىككى باسقۇچنى ئاپتوماتىك ئوينايدىغان ئاددىي بىر روبوت بولۇپ. ئېكرانغا چاپلاپ قويغان يورۇقلۇق سەزگۈچ قارشىلىق (LDR) كېلىۋاتقان تىكەنلىك كاكتۇسنى ئاق ياكى قارا رەڭلەرنى توختىماي پەرقلەندۈرۈپ بۇنى ئېلېكتر سىگنالى شەكلىدە Arduino غا ئەۋەتىپ تۇرىدۇ،  Arduino يورۇقلۇق سەزگۈچ قارشىلىق (LDR)دىن كېلىۋاتقان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، مۇناسىپ پەيتتە بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى باسىدىغان قىلىپ چاپلاپ ئورنىتىلغان موتورنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق دىنوزاۋۇر ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان كاكتۇستىن سەكرەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ توك يولى ئۇلىنىشى ۋە ئىچىگە يازغان C تىلى كودلىرى تۆۋەندە بېرىلدى.
توك يولى ئۇلىنىشى:


#include <Servo.h>
#define threshold 300   // try 250 ,260 and 300 value here
#define unpress_angle 70
#define press_angle 36


Servo myservo;  // create servo object to control a servo
bool trig=true;

void setup() {         
  myservo.attach(9);  // attaches the servo on pin 9 to the servo object
myservo.write(unpress_angle);   
}

void loop() {

 myservo.write(unpress_angle);              // unpress the button
 delay(1);
 if(analogRead(A0)< threshold)
 {
 
      myservo.write(press_angle);          // press the button
    delay(100 );                       // waits 100ms for the servo to reach the position
                     
 }


تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن:
www.uyghurstem.com
www.facebook.com/UyghurSTEM
www.YouTube.com/UyghurSTEM
www.instagram.com/Uyghur.STEM


7pakinek

 ;D  رىسالەئى تاماشەتۇل روبوتىك دىنازاۋۇر 

ما ئىسىم ۋەششىكە.

قۇت بىلىگ

ئىسىم قوياشقا ئۇستا ئىكەنسىزغۇ  :P  ياخشى مەزمۇن ئىكەن . ئاردىنىئو دەرسى چىقارسىڭىز بولىدىكەن مۇنبەردە  :)

uyghurbeg

ماۋزۇ چانايدىكەن

 ;D  ;D  ;D  ;D

ئاۋۇ بىر قانچە قۇر كود بىلەنلا بۇ رونوت ئويۇنخۇمار بوپ كەتتىما؟

🡱 🡳
Powered by EzPortal