نۆۋەتتىكى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەۋسىيە

يوللىغۇچى: 7pakinek, (UTC+3) 09:26, 2021-04-17

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

0 ئەزا ۋە 1 زىيارەتچى لار مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتىدۇ.

7pakinek

𝐉𝐢𝐝𝐝𝐢 𝐓𝐞𝐰𝐬𝐢𝐲𝐞 !!! 𝐉𝐢𝐝𝐝𝐢 𝐓𝐞𝐰𝐬𝐢𝐲𝐞 !!!

مۇھىم بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئورۇنلۇق كۆردۈم: تۈركىيەدە ۋىرۇس بەك ئېغىرلاپ كەتتى، شۇڭا بەك كۆپ دىققەت قىلىڭلار. نەچچە كۈننىڭ ياقى توختىماي تۈگەپ كەتكەنلەرنىڭ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا بارغانلارنىڭ، ياتاقتا ياتقانلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ئېلىپلا تۇرۇۋاتىمەن. ئارىسىدا 50-60 ياشلىقلىرىمۇ بار، 30غا توشمىغانلارمۇ بار، بۇرۇن  ساپمۇ ساغلام تونۇش كىشىلەرمۇ بار...  شۇڭا 1 مىنوت ۋاقىت چىقىرىپ تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى ئوقۇپ بېقىڭ.

1. مەجبۇرىي ئىشلار بولمىغۇچە سىرتقا چىقماڭ. 🙅

2. ئامال بار قېلىن ماسكا تاقاڭ، بۇرنىڭىزنى چىقىرىپ قويماڭ. 😷

3. سىرتلارغا چىققاندا ئامال بار تۇتقۇچلارنى تۇتماڭ. قولىڭىز ئامال بار يانچۇقىڭىزدا بولسۇن ✊

4. قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەڭ. قۇچاقلىشىپ، يۈز يىقىشىپ كۆرۈشمەڭ ✋

5. ئادەم جىق يەردىن يىراق تۇرۇڭ. 2 مىتىر ئارىلىق قويۇڭ 👥

6. قول تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى دائىم ئىشلىتىپ تۇرۇڭ

7. قولىڭىزنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇڭ 👋

8. ئۆيدە قۇۋۋەتلىك تاماق يەڭ، سەل چېنىقىپ بېرىڭ، كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇڭ 🧘

9. نەپەس ئېلىشتا قىيلىنىش، ئېغىر يۆتىلىش، قىززىش..قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە دۆلەتلىك دوختۇرخانىغا چوقۇم كۆرۈنۈڭ ياكى جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلىفون قىلىڭ. كۆپ پۇل ئېلىپ كېتىدۇ دەپ ئەنسىرىمەڭ. كۆپىنچە دۆلەت دوختۇرخانا بىكارغا داۋالايدۇ پۇلمۇ ھەل بولىدۇ.. 🏥

10. زىققە كېسىلى، ئۆپكىسى ناچار، بەدىنىدە سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلىرى بارلار، بەدىنى ناچارلار كۈتۈنۈشكە بەك دىققەت قىلىڭ.  👨‍⚕️

11. كېچىلىرى ئۇخلىغاندا دەرىزىنى ئوچۇق قويماڭ. توڭلاتقۇدىن ئالغان سوغۇق نەرسىلەرنى ئازراق يەڭ. 🍵

بۇ مۇھىم ۋاقىتلاردا ھەرقايسى دۆلەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ساق سالامەت ئۆتكۈزۈۋېتىشنى، ساغلاملىققا بەك دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار قېرىنداشلىرىم.

ھۆرمەت بىلەن
نۇر دوختۇر


🡱 🡳
Powered by EzPortal