سۈنئىي ئەقىل ھەققىدە سۆھبەت

يوللىغۇچى: Memtimin, (UTC+3) 18:13, 2021-04-17

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

0 ئەزا ۋە 1 زىيارەتچى لار مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتىدۇ.

Memtimin

سۈنئىي ئەقىل ھەققىدە سۆھبەت

سۈنئىي ئەقىل، ماشىنا ئۆگىنىشى قاتارلىق ئۇقۇم ۋە تېخنىكىلار تەرىپىدىن بارغانسېرى قورشىۋېلىنغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. تېلېفونلىرىمىزدىكى قوللىنىشچان ئەپلەردىن تارتىپ YouTube قاتارلىق تور بېكەتلىرىنىڭ بىزنىڭ ياقتۇرۇشىمىز ۋە خاھىشىمىزنى ئاپتوماتىك تەھلىل قىلىپ ۋىدىيو تەۋسىيە قىلىشغىچە، ئې-خەتلىرىمىزدىكى بىخەتەرلىك سۈزگۈچلىرىدىن تارتىپ رەقەملىك دۇنيادىكى ھەرىكەتلىرىمىزنى ئىز قوغلاپ ماڭىدىغان ئېلانلارغىچە، كوچىدىكى كامېرالاردىن تارتىپ بارلىق ئىجتىمائىي مېدىيا ۋاستىلىرىغىچە ماشىنا ئۆگىنىشى، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىقلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، سۈنئىي ئەقىل ھەتتا پەقەت ئىنسانلارلا قىلالايدۇ دەپ قارالغان رەسىم سىزىش، شېئىر يېزىش، فىلىم ئىشلەشكە ئوخشاش سەنئەت ۋە ئىجادىيەتكە تەۋە ئىشلاردىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىزنىڭ خاراكتېرىمىزنى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزدىنمۇ بەكرەك تونۇشى، بىلىشى، كەلگۈسىمىز ھەققىدە خېلىلا توغرا مۆلچەردە بولالىشى مۇمكىن.

بۇ قېتىم «UyghurSTEM ئېكرانى»مىزنىڭ 13-سانىدا
  • سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى،
  • سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلىرى،
  • سۈنئىي نېرۋا تورى،
  • سۈنئىي ئەقىلنىڭ دۇنيانى قانداق ئىدراك قىلىدىغانلىقى،
  • كومپيۇتېرنىڭ ئىنسان ۋە جىسىملارنى قانداق كۆرىدىغانلىقى ۋە پەرقلەندۈرىدىغانلىقى،
  • ماشىنا ئۆگىنىش ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىش،
  • قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە
كۋېنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا (The University of Queensland) دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان قېرىندىشىمىز ئوسمان تۇرسۇن بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق.

سۆھبەتنىڭ ۋىدىيولۇق ئېلانى
YouTube ئۇلىنىشى: https://youtu.be/4DaPeD6W8i0
Facebook ئۇلىنىشى: https://www.facebook.com/UyghurSTEM/videos/2774956882743879/

سۆھبەت
YouTube ئۇلىنىشى: https://youtu.be/wE4H3ILlVk0
Facebook ئۇلىنىشى: https://www.facebook.com/UyghurSTEM/videos/388370595802328

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن:
www.uyghurstem.com
www.facebook.com/UyghurSTEM
www.YouTube.com/UyghurSTEM
www.instagram.com/Uyghur.STEM



🡱 🡳
Powered by EzPortal