كۆرۈلگەن سەھىپىلەر

KAUST قا كىلىپ ئوقۇيدىغانلار بارمۇ؟

KAUST قا كىلىپ ئوقۇيدىغانلار بارمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
كۇلۇب باشقۇرغۇچىسى بۈركۈت ئەپەندىم ئىلگىرى بۇ تېمىنى قېرىنداشلانى كۆرۈپ پايدىلانسۇن دەپ يوللىغان ئىدى. كۆپ كىىشىلەر كۆرگەن بولسىمۇ تازا قىززىمىغاندەك ھىس قىلدىم. نىمىشقا؟ مىنىڭچە مۇنداق ئىككى سەۋەپ بولىشى مۇمكىن: بىرى، ئۇلار بۇ يەرنى ئاسماندا چاغلىۋېلىپ TOEFL/ IELTS , GRE ۋە GPA لەردىن قورقۇپ ئىلتىماس قىلىشقا پېتىنالماسىق، يەنە بىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى دەپ تازا ياراتماسلىق...

مىنىڭ بۇ يەردە يەنە ئارتۇق تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇشىمنىڭ ھاجىتى يوق.  پەقەت كۆپىرەك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ، بىلىم، ئىتىقاد ۋە ئىختىسادتىن تەڭ بەھرىمەن بولسا، ئارىمىزدا مۇشۇلاردىن كۈچلەنگەن ئادەملەر بىرەر يىرىمدىن بولسىمۇ كۆپەيسە دىگەن ئارزۇدىمەن!

بۇ يەرگە كىلىۋاتقان جوڭگولۇق، مىكسىكىلىق ۋە پاكىستان ھىندىستانلىق باشقا ئەرەب ئەللىرىدىن كىلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەرگىزمۇ سزدىن بەك ئەقىللىق ئەمەس! شۇنچە قەرزلەرنى ئېلىپ، تۇركىيەگە، ياۋرۇپاغا ۋە ئامېركىغا چىقىۋاتقان ئۇيغۇر باللار بار. كىمنىڭ نەدە ئوقۇشى ئەلبەتتە ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك غايىسى ئۈچۈن بولىدۇ لىكىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارمان بىلىپ، شۇ يەرلەر ئېسىل بىلىنىپ چىقسا، ئېنىق بىر غايە، پىلان بولمىسا نەگىلا چىقمىسۇن قيلىنىپ قالىدىغان گەپ. ياۋرۇپاغا چىقىپ، ئىشلەپ ئوقۇۋاتقان باللار بار. پۇلنى يامان ئەمەس تاپقىلى بولغاچقا ئىشلەشكە بەنىت بولۇپ ئوقۇشنى تاشلاپ قويىدىغان ياكى ئىشلەپلا يۇرۇپ ئوقۇشقا دىقىتىنى بىرەلمەي ياخشى ئوقۇيالمايدىغان ئىشلار مەۋجۇت. چەتئەلدە يۇرىۋاتقان، ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز مۇساپىرلىقنىڭ، ئوقۇشنىڭ دەردىنى ئۆزلىرى بىلىدۇ، ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس! بىىسىم بەك ئىغىر...

مەن دەيمەن، شۇ ئون مىڭلاپ، يىگىرمە مىڭلاپ ئالغان قەرز پۇلنى مەبلەغ سېلىپ، كاۋست تەك بىلىممۇ بىرىدىغان نەپمۇ بىرىدىغان مەكتەپكە كىلىپ ئوقۇسا بولمامدۇ دەيمەن!؟ ئىتىقادىڭىزنى يىڭىلاپ تۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئەلبەتتە بۇ يەر اللە نىڭ چوڭ نىمىتى ھەم پۇرسىتى! دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مۇسۇلمان ئەمەسلەر كىلىپ، كاۋست نىڭ شۇنداق ئېسىل شارائىت ۋە مەنپەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلارمۇ بار لىكىن نىمىشقا كۆپ ئەمەس!؟
جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بەك كۆپ كىلىۋاتىدۇ، ئۇلار توردا تەشۋىق قىلىپ، ئۆز-ئارا دوست تارتىشىپ بۇ يەردە كوميۇنىتى قۇرۇپ بولدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا سىز نىمىشقا كىلەلمەيسىز!؟ سىزنىڭ ئىنگىلىز تىلىڭىز باغلىشىمەن شۇنداق ياخشى، سىزنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيسىڭىز باغلىشىمەن تامامەن ئوكەي! سىزدە دوگما ئەمەس ئىجاتچانلىق بار، سىزدە بىر يوشۇرۇن تالانت ۋە كۈچ بار... يەنە نىمىدىن قورقىسىز؟! ئىلتىماس قىلىڭ!!! مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىلتىماس قىلغانلار ئاران ئىككى. اللە خالىسا ئۇلارنىك كىلەلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!

ئەگەر كاۋست نى سەئۇدى ئەرەبىستانى دەپلا ياختۇرماسلىق پوزۇتسىيسى بولۇپ قالسا، ئۇمۇ سىزنىڭ ئارزۇسىڭىز ئامېركا ياكى ياۋرۇپادىكى تىخىمۇ ياخشى ئۇنىۋېرستىتلارنى ئىلتىاس قىلىپ بارسىڭىز بولىدۇ لىكىن باغلىشىمەن، دۇنيادا تىخى ھىچقانداق ئۇنىۋېرستىت كاۋست بەرگەندەك شارائىتنى بەرمەيدۇ! ياتىدىغان ياتىقىڭىز(ياتاق ئەمەس يۈرۈش ئۆي) ھەقسىز، يىلدا بىرىپ كىلىش ئايروپىلان بىلىتىڭىز ھەقسىز، ئائېلىڭىزنى ئېلىپ كەلسىڭىزى تىخى ئۇلراغا بىلەت ھەقسىز، بازارغا بارسىڭىز ئاپتۇبۇسلىرى ھەقسىز،... شۇنداق تۇرۇپ ئايدا نەچچە مىڭ دوللار مۇئاش ئالىسىز. يەنە قايسى ئۇنىۋېرستىت شۇنداق شارائىتنى بىرىدۇ؟! قايسى ئۇنىۋېرستىت يىل بويى 24 سائەت كۈتۈپخانىسىنى ئوچۇق قويىدۇ؟ يەنە قايسق ئۇنۋېرستىت كىتاپلارنى ھەقسىز بىرىدۇ؟

ھازىر بۇ مەكتەپ قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن ئاشتى، شۇنداق بولىشىغا قارىماي، تەتقىقات نەتىجىللىرى كۆزگە كۆرۈنىشكە باشلىدى. بۇ يەرنىڭ ماستېر ئوقۇغۇچىللىرىنى سەل چاغلىماڭ! بۇ قىتىم تۇنجى قارا پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىللىرى خەلققارا جورناللاردا ئىلمىي ماقالىلەرنى ئىلان قىلىشقا باشلىدى! ئالدى ئەڭ ياخشى خىزمەتلەرنى تاپتى... ئۇلار پەقەت بىر يىرىم يىل ئۇقۇدى بۇ يەردە. ھەقىقەتەنمۇ كاۋست نىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى ئوقۇتۇش سۈپىتى دۇنيادىكى باشقا ئۇنىۋېرستىتلاردىن قىلىشمايدۇ، ئوقۇتۇش ئەندىزىسى پۈتۈنلەي ئامېركا ئۇنىۋېرستىتلىرى بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئوقۇشمۇ ئاسان ئەمەس ئەلبەتتە لىكىن كىلەلىگەن ئادەم ئوقۇيالايدۇ، ئىنشااللە!

چالا قالغان گەپلەرنى ئىنكاس قا يازاي!  سەل ئاچچىقىم كەپ قالدى!

ئۆتكەندە ئىزدىنىشتىكى «ئۇزاق يول» تېمىڭىزدا، بەزىلەر بۇ مەكتەپنى سەئۇدىدا دەپ ئويلاپلا ياراتماي قويغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىمۇ مەن چۈشەنچە بەرگەن.

ئالدىنقى كۈنى جېك ئەپەندىم بىلەن بۇ مەكتەپ ۋە پروفېسسورلىرىنى بىر ھازا تەتقىق قىلدۇق. پروفېسسورلىرى كۆپىنچە Harvard, MIT, Stanford, Berkeley لاردا دوكتۇر بولغان، دوكتۇر ئاشتى بولغان ۋە ھەتتا ئوقۇتقۇچى بولغانلار بار ئىكەن. بۇ مەكتەپ ھازىرچە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرالمىسىمۇ، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەردىن ئوقۇتۇش-تەتقىقات سۈپىتى ياخشى. ھەم بۇ مەكتەپ بەرگەن تەمىنات، شارائىتنى دۇنيادا ھىچقانداق مەكتەپ بەرمەيدۇ ۋە بېرەلمەيدۇ. تىرىشىڭلار بالىلار.
بۇ مەكتەپ ئۇچۇرىنى بىلگەندىن باشلاپ ئاسپىرانىتلىقنى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۇم، يىل ئاخىرغىچە تىل  ئىمتاھاندىن ئۆتىۋالسام، ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى بارغىلى بولارمىكىن دىگەن ئۈمۈدتەمەن. ئەنسىرەيدىغىنىم، ئۆزەم مەخسۇس كورۇسنى پۈتتۈرگەن، ئوقۇش ئارزۇيىم مۇمكىن بولارمۇ؟
قايسى قايسى شەرتلەر ھازىرلانسا چىققىلى بولىدىغانلىقىنى بىر تونۇشتۇرىسىز ھەقىچان. بىلىمخۇمارلار سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىدۇ.
مېنىڭ قىزىمغا ئاجايىپ ماس كىلىدىغان ئوقۇشكەنتۇق بۇ ،،، لېكىن ئۇ ئەمدى تولۇقسىزنى پۇتتۇردى -دە ،، ئەپسۇس !

ئېتىقادىنى  يوقاتمايدىغان ، ئاللاھ نى ھەر ۋاقىت ياد ئېتەلەيدىغان  بىرەر چەتئەل مەكتىۋىدە ئوقۇتۇشنى ئۇزۇندىن بېرى ئازۇ قىلىپ يۇرەتتىم ، پاسپورتلىرىنىمۇ  ئىشلىتىپ قويغان .

بوپتۇ ،،ماس كەلمىسىمۇ  دىققەت قىلغاچ تۇراي ، ۋاقتى كەلگەندە بىرەر يول چىقىپ قالسا  ئەجەپ ئەمەس .
كەسپىي فىلىمچىلىك تور بېكىتى . تەپسىلاتى: http://www.izimiz.com
تەبى پەنلەردىن فىزىكا، خىمىيە، ماتېماتىكا ۋە بىئولۇگىيەنى مەركەز قىلغان ھەرقانداق كەسىپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار بۇ مەكتەپكە كىلىپ ئوقۇشقا تامامەن ماس كىلىدۇ. كومپيۇتېر، جۇغراپىيە، گىئولوگىيە، دىڭىز-ئوكيان ئىلىمى، ماشىنىسازلىق، ماتېرىيال ئىنجىنىرلىقى، ئېلىكتېر ئىنجىنىرلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سانائەت كەسىپلىرىدە باكلاۋىرلىقنى ياكى ماگىستېرلىقنى جوڭگودىكى ھەرقانداق ئالىي مەكتەپتە پۈتتۈرگەن بولسا (ياكى دۇنيادىكى ھەرقانداق ئۇنىۋېرستىتىنى پۇتتۇرگەن بولسا) بۇ يەرگە ئىلتىماس قىلىپ ئوقۇشقا ماس كىلىدۇ. ھەتتا سانائەت پەنلىرىگە يىقىن كىلىپ كىتىدىغان ھەرقانداق پەن بولسا بولىۋىرىدۇ. مەسىلەن، مەن بۇ يەردە جوڭگودىكى ئاۋئاتسىيە مەكتىپىنى پۇتتۇرۇپ، ماتېرىيال دا ئوقۇۋاتقان بىر خەنزۇنى بىلىمەن...

بۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئاسماندا بىر تەلەپمۇ يوق! بەلكىم كىيىن-كىيىن چىڭىيىشى تۇرغان گەپ لىكىن ھازىرچە ئۇنداق يۇقىرى تەلەپ يوق!
ئالدى بىلەن كەسپىڭىز ماس كىلىشى كىرەك. ئاندىن پەنلەردە نەتىجىڭىز ياخشى بولسا ئادەتتە GPA 3.5  ئەتىراپىدا بولسا، سىزنى ئويلىشىش پۇرسىتى چوڭ بولىدۇ. ئاندىن تىل يەنى TOEFL/IELTS  لارنى كاۋسىت لام ئەمەس دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدىكى ياخشى ئۇنىۋېرستىتلار قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئوقۇتۇش ئىنگىلىز تىلىدا بولغاچقا ئەڭ تۆۋەن تەلەپنى قاندۇرمىغاندا ئەلبەتتە ئوقۇشتا قىيلىنىش بولىدۇ. بۇلارنىڭ تەلىپى يۇقىرى ئەمەس يەنى، TOEFL  دا 79 ،  IELTS  دا ئاران 6 نۇمۇر ئالسىڭىزلا ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە چۈشىدۇ. باغلىشىمەن، ئامېركىغا بۇنداق نەتىجە بىلەن چىقالمايسىز...
GRE  غا كەلسەك ئۇ مەجبۇرى تەلەپ ئەمەس، ئەگەر نەتىجىڭىز بولسا سىزنىڭ قوبۇل بولىشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بولمىسا دەرستىكى نەتىجىللىرىڭىز ياخشى بولسىمۇ بولىدۇ، ئىككىلىسى ياخشى بولسا جەزمەن قوبۇل قىلىنىسىز! ئەگەر دەرستىكى نەتىجىللىرىڭىز كۆڭۈللۈك بولمىغان بولسا  GER بىرىپ، ئۇنىڭدىن يامان ئەمەس نەتىجە ئالسىڭىز چاتاق يوق. لىكىن يەنە ئەسكەرتىپ قويسام  GRE  چوقۇم سورىلىدىغان تەلەپ ئەمەس!

بىلسەم، كۆپىنچە باللار مۇشۇ  GRE  دىن قورقۇپ ئىلتىماس قىلىشقا پىتىنالمىغان ياكى يالتايغان. نىمە ئۈچۈن، ئەستايىدىل بولۇپ، توربىكىتىگە كىرىپ تەپسىلى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقمايدۇ دەيمەندە!؟ يانا كىلىپ نەتىجىلەر يوق ئىدى دەپ ئىلتىماس قىلماي تۇرغان. تەييار توردا تۇرۇپ ئىلتىماس قىلىپ قويسا نىمىسىگە زىيان، كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ. بەزى ماتېرياللىرى كەم بولۇپ قېلىپ، ھەقىقەتە ئويلاشسا، سىزگە پالانى-پۇستانى ماتېرياللارنى ئەۋەتكىن دەپ ئۇقتۇرىدۇ. ھەممە مەتېرياللارنى تەق قىلىپ ئئاندىن ئىلتىماس قىلاي دەپ ساقلاپ تۇرغان بىلەن ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قوبۇل بولۇش شەرتلىرىمۇ يۇقىرلاپ مېڭىشى مۇمكىن چۈنكى كاۋست ئەمدى تونۇلۇشقا باشلاۋاتىدۇ، ياخشى ماقالىلەر چىقىۋاتىدۇ. بۇرۇن ھىچكىم خالىماس ۋە تونىماس ۋاقىتتا قىزىقتۇرغان بىلەن كىيىن تىخى ئۆينىمۇ ھەقلىق بىرىدىغاننىڭ گىپى بار...

ئالدىنئالا مەن بولمايمەن دىۋالماي نىمە ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باقمايمىز؟ نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ، تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشمايمىز!؟ سىزگە پالانى ئامىركىدا ئوقۇپتۇ، پۇستانى يەردە ئوقۇپتۇ دىگەن قالپاق لازىممۇ ياكى ھەقىقى قۇۋۋەتمۇ!؟ سىز مۇسۇلمان بوغاندىكىن ئەلبەتتە كىلىپ، ئاندىن ئاتا-ئانىڭىزنى ئەكەلسىڭىز ئۇلار سىزدىن بىر ئۆمۈر رازى بولۇپ كىتىدۇ. ئۇنداق قىلالمىسىڭىزمۇ ئايدا بىر كەبە نى زىيارەت قىلىپ ئۆزىڭىزگە، ئۇرۇق ئەۋلادىڭىزغا ۋە قەۋمىڭىزگە دۇئا قىلىپ تۇرسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ!؟

ئوقۇپ بىلىممۇ ئالىسىز، سىزگە دەرسنى ئەرەپچە ئۆتمەيدۇ، ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتىدۇ، سىز ئىنگىلىز تىلىدا دەرس ئوقۇيسىز، سۆزلەيسىز، چۈشەندۈرىسىز، ماقالە يازىسىز، پۈتۈنلەي خەلىقئارا ئۆلچەم. لىكىن يانا شۇنى دەپ قوياي، بۇ يەرگە ھوزۇر-ھالاۋەتنى مەخسەت قىلىپ كەلمەكچى بولغانلار ئەكسىچە جاپا تارتىپ قالىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە ھوزۇر يوق، ئەمگەك بار، ھاراق تاماكا يوق! چوڭ شەھەرلەردەك ئاۋات ئەمەس، نىسبەتەن ئايرىم ۋە خىلۋەت لىكىن جىددە ۋە مەككە شەھەرلىرىگە يىقىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بىكارلىق ئاپتۇبۇس قاتناپ تۇرىدۇ...
ئەسلى يوللىغۇچى: polat1971 ، ۋاقتى: 2011-1-25 22:24  
مېنىڭ قىزىمغا ئاجايىپ ماس كىلىدىغان ئوقۇشكەنتۇق بۇ ،،، لېكىن ئۇ ئەمدى تولۇقسىزنى پۇتتۇردى -دە ،، ئەپسۇس !

ئېت ...


اللە خالىسىا، قىزىڭىز مۇشۇ مەكتەپنى نىشان قىلىپ تىرىشىپ ئوقۇسا مۇشۇ يەرگە كىلەلەيدۇ. بۇ مەكتەپ تىخى ئەمدى قۇرۇلدى، تىخى يول ئۇزاق...
ئەسلى يوللىغۇچى: bilig ، ۋاقتى: 2011-1-25 19:51  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
دۇنيادا تىخى ھىچقانداق ئۇنىۋېرستىت كاۋست بەرگەندەك شارائىتنى بەرمەيدۇ! ياتىدىغان ياتىقىڭىز(ياتاق ئەمەس يۈرۈش ئۆي) ھەقسىز، يىلدا بىرىپ كىلىش ئايروپىلان بىلىتىڭىز ھەقسىز، ئائېلىڭىزنى ئېلىپ كەلسىڭىزى تىخى ئۇلراغا بىلەت ھەقسىز، بازارغا بارسىڭىز ئاپتۇبۇسلىرى ھەقسىز،... شۇنداق تۇرۇپ ئايدا نەچچە مىڭ دوللار مۇئاش ئالىسىز. يەنە قايسى ئۇنىۋېرستىت شۇنداق شارائىتنى بىرىدۇ؟! قايسى ئۇنىۋېرستىت يىل بويى 24 سائەت كۈتۈپخانىسىنى ئوچۇق قويىدۇ؟ يەنە قايسق ئۇنۋېرستىت كىتاپلارنى ھەقسىز بىرىدۇ؟ ە ...



ما تېىمىڭنى يازغان قولىڭىزغا ئۇلۇغ اللاھ دەرىت بەرمىسۇن،  مەكتەپ شارائىتلىرى ۋە تەمىناتلىرى مۇشۇنداق بولسا دۇنيادا مۇنداق مەكتەپتىن ئىككىنجى بىرسى بولمىسا كىرەك . ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق شەرىت-شارائىتلارنى ھازىرلىساق بولىدۇ ؟
تەپسىلىيرەك بىر ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز ، ئىلتىماس ۋاقتى ،ئىلتىماس تەلەپلىرىنى دىمەكچىمەن .
بىلكى چوڭ بىرنى يېڭەر بىلمى چوڭ مىڭنى يېڭەر !!
مەنمۇ نورغۇن ئادەملەرگە تەۋسىيە قىلىپ كەتتىم بۇ مەكتەپنى.
ئىجتىمائىي پەن كەسپلىرىمۇ بارمۇ؟ ئەدەبىيات دېگەندەك.
بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.  
تۇرايىم: قۇت تۇرا - QutTura
كۆرۈلگەن سەھىپىلەر